بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق شەرقىي ئاسىيا زىيارىتى باشلىنىپ، بۈگۈن (ئون ئۈچىنچى نويابىر كۈنى) ئۇ ئالدى بىلەن ياپونىيىگە كەلدى. ئەرتە (ئون تۆرتىنچى نويابىر كۈنى) سىنگاپوردا باشلىنىدىغان يىگىرمە بىر دۆلەتنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا، ئوباما بىر كۈن كېيىن، يەنى 15 - چىسلا بارىدۇ.
پرېزىدېنت ئوباما، سېنگاپوردا خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، كەچتە شاڭخەيگە بارىدۇ، 16 - ۋە 17 - چىسلا كۈنلىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدۇ. 18 - چىسلا كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە كېلىدۇ.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياپونىيە، سېنگاپور قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت21 دۆلەت بىرلىكتە قۇرغان رايون خاراكتېرلىك سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشىنى ئەركىنلەشتۇرۈشنى مەقسەت قىلغان تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% نى، خەلق ئىگىلىكى ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتى 54% نى ۋە سودا مېقدارى دۇنيا سودىسىنىڭ 44% نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئەگەر بۇ ئۇچرىشىشتا قايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىرەر كونكرېت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇ چۇقۇم شۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىر ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ كۈن تەرتىپىدە كېلىمات ئۆزگىرىشى جەھەتتىكى كېلىشىم ۋە باشقا سودا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دېيىلگەن. كونكرېت مەسىلىلەرنى ئادەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىرى ئۆز -ئارا تەپسىلىي كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇچرىشىشتا دۆلەت باشلىقلىرى بىرەر كونكرېت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشسا، ئۇ چۇقۇم شۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىر ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە. ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ئۇچرىشىشتا قايسى دۆلەت باشلىقلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قايسى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىر ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆز - ئارا ئىشنىشنىڭ دەرىجىسى بەكلا تۆۋەن.
ئوباما سىنگاپوردا ياكى خىتايدا، دۆلەت مەجلىسى، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى تەشەببۇس قىلغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويامدۇ؟
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 15 - چىسلا سىنگاپوردا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ۋە ئوباما خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى ئوبامادىن تەلەپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويامدۇ، بۇنىڭغا خۇ جىنتاۋ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلە.
چۈنكى ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى ئامېرىكىغا قارىتىلغان، دەپ قارىسا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكا بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، بۇ تەھدىت بىزگە ئامېرىكا - ياپونىيە -ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىقى ئارقىلىق كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى جەھەتتە راس سۆزلىمىسە ۋە دېموكراتىيىگە مېڭىشنى رەت قىلسا، ئامېرىكا تەرەپ خىتايغا بۇ جەھەتتىكى كونكرېت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماي مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بىر كونكرېت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇ، بۇ رايوندا جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.
بېيجىڭدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلار كۆپ
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئەرزىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بېيجىڭدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىت ئوباما كېلىدىغان كۈنلەرگە توغرا كەلگەچكە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق نامايىشقا رۇخسەت قىلمايۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا نامايىشقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۆزىنى شىنجاڭلىق دەپ ئاتىغان بىرسىنىڭ ئەندىشىسى بەكلا غەلىتە
'خىتايغا نەزەر' تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا نامايىش قىلىش تەلىپىنى قويغان كىشىلەرنى، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ساقچىلار كېچىدە پاراكەندە قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ليۇ فامىلىلىك بىر ئەرزىيەتچى ' شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى، رۇسىيەنىڭ باشلىقى دېگەنلەر بېيجڭغا كەلسە گەپ يوق، ئەمما دېموكراتىك دۆلەت باشلىقلىرى كەلسىلا ھۆكۈمەت بىزنى باستۇرىدۇ' دېگەن. ئۆزىنى شىنجاڭلىق دەپ ئاتىغان بەي فامىلىيىلىك بىرسىنىڭ ئەندىشىسى بەكلا غەلىتە، ئۇ 'ئوباما كەلسە بىزنى پالاكەت باسامدىكىن دەيمەن' دېگەن.
