ئوبۇلقاسىم ئۆمەر يەكەندە بىر خىتاينى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى خىتاينى يارىلاندۇرغان

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئوبۇلقاسىم ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، بىر نەپەر خىتاينى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. ناھىيىدىكى ساقچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھېچقانداق شەخسىي زىددىيەت ياكى تالاش - تارتىش سەۋەب بولمىغان.

0:00 / 0:00

ۋەقەنىڭ، رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان مىللىي سۈركىلىش ۋە مىللىي توقۇنۇش ۋەزىيىتىنىڭ بىر ئىنكاسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۆتكەن چارشەنبە يەنى 2 ‏ - ئاينىڭ 24 ‏ - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئوبۇلقاسىم ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بىر نەپەر خىتاينى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن، ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. ۋەقەدىن كېيىن ئوبۇلقاسىم ئۆمەر تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى سوراققا تارتىلغان.

ۋەقە شۇ كۈنى ناھىيە بازىرىدىكى خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن رايون يەنى "كەيفاچۈ" دېگەن يەردە يۈز بەرگەن. گۇلباغ ساقچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ بىڭگونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوبۇلقاسىم ئۆمەر بۇ يىل 39 ياش بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بايقالمىغان؛ ۋەقەنى ئۆز ئالدىغا يەككە ئېلىپ بارغان.

گۇلباغ ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر شەھەرلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. يەنە بىر نەپىرى يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. ۋەقەدە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ئالدىنقى كۈنى خىتايدىن يەكەنگە يېتىپ كەلگەن. نۆۋەتتە ئۆلگۈچى ئائىلە - تاۋاباتلىرىنىڭ قاتتىق نارازى بولۇۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئوبۇلقاسىم ئۆمەر يەكەن ناھىيىسىنىڭ ياقا ئېرىق يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا يەكەن بازىرىدا قول تېلېفون تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ تىجارەت سەۋەبى بىلەن داۋاملىق تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ - كېلىپ تۇرغان.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھېچقانداق بىر شەخسىي زىددىيەت ياكى تالاش - تارتىش سەۋەب بولمىغان. زىيارىتىمىز داۋامىدا، پونكىت باشلىقى ۋاڭ پۇ، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەكەندە 10 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما 10 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يەكەندە بىر تۈركۈم ياشلار نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. نامايىشنى پىلانلىغۇچىلار يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، ساقچىلار نەق مەيدانغا باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىككى نەپەر ياشتىن بىرى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىر نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان.

پونكىت باشلىقى ۋاڭ پۇ، ئوبۇلقاسىمنىڭ ئۆتكەن يىلى يەكەندە يۈز بەرگەن 10 - ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، ساقچىلار ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە تېخى يەكۈن چىقارمىغان. ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر ‏ - ئۇچۇرلارنى تولۇق كۆرگەنلىكى، قول تېلېفون تىجارىتى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شياۋگۈەن ۋەقەسىدىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرنى تولۇق كۆرگەنلىكى مەلۇم. شۇڭا ئوبۇلقاسىم ئۆمەرنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە يەكەندە يۈز بەرگەن 10 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىقى سەۋەبلىك، ئىنتىقام تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.