[ بوشۇن تور بېتىنىڭ 27 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچەOpens in new window ]
، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بۇ گەپنى، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش كورسىدا لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا، شاڭخەيدىن كەلگەن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ " دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ تېلىفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلامدۇ؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن چېغىدا دېگەن ئىكەن.
خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى،مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىلا بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ تېلىفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلاش دائىرىسىنى بىكىتىپ قاتتىق تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەر چىقارغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېلىفون مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا، ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تېلىفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلاش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا، چوقۇم مەركىزى ھۆكۈمەت سىياسى-قانۇن مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاستە تەستىقىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئەمەلدار كۇرسانتلارنىڭ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا پۇقرالارنىڭ تېلىفون ئالاقىسىنى ئاڭلايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلاش دائىرىسى ئادەتتە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئۇچۇرلار دائىرىسىدە بولىدۇ، يەنە بىرسى مەركىزى ھۆكۈمەت سىياسىي بيۇرۇسى دىققەت قىلىدىغان چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىدە، ئەدلىيە-قانۇن تارماقلىرىنىڭ تەستىقىسىز ئومۇميۈزلۈك ھالدا پۇقرالارنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلايدۇ. مەسىلەن، بۇ يىل ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى، چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلارنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئاڭلاش مانا مۇشۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋاللار دائىرىسىگە ياتىدۇ."
بۇ ئەمەلدار نۆۋەتتە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قوللىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئاڭلاشتا بەزى سەزگۈر سۆز - ئىبارىلەرگە قارىتا ئاپتوماتىك ھالدا سۈزۈۋېلىپ ئاڭلاش يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، شىنجاڭغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ئاڭلاشتا ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى تېلېفون توچكىلىرىغا ئاپتوماتىك ئاڭلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىپتۇ، ئەمما كىچىك ناھىيىلەر ۋە يېزىلارغا بۇ خىل قۇرۇلما تېخى ئورنىتىلىپ بولماپتۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئەمەلدارى، كۇرسانتلارنىڭ، بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئاڭلاش دائىرىسىنىڭ قانچىلىكلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىر ئاڭلاش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن باشقا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭمۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ كۇرسانتلارنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىدىن ئەنسىرەپ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "كۆپچىلىكنىڭ ئۇنچىۋالا ئەندىشە قىلىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تېلېفونلارنى ئاڭلىشى يوللۇق. لېكىن مەن كۆپچىلىكنى شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئۆزۈڭلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارغا ھەر ھالدا دىققەت قىلغىنىڭلار ياخشى. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىز مەسئۇل، ئەمما ئۆزۈڭلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا ھەر بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىدە ئېنىق بىر سان بولۇشى كېرەك."
ئۇ خىتاينىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ كۇرسانتلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: "بىز تېلېفون ئالاقىسىگە قاراتقان ئاڭلاشلىرىمىز جەريانىدا، گەرچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، لېكىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتىكى چىرىكلىكىگە تاقىلىدىغان ئاۋاز خاتىرىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، يەنى مال - مۈلكىنى چەتئەللەرگە يۆتكەش، تېلېفوندا ئاشنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش دېگەندەك مەزمۇنلار، شۇنداقلا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز - ئارا ھوقۇق كۈرىشىگە دائىر مەزمۇنلارمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆھبەت خاتىرىلىرىمۇ بار. مەن شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، بۇ خىل سۆھبەتلەرنى بىز ئاڭلىمىغان ھالەتتىمۇ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاڭلىشى مۇمكىنغۇ؟ ئەجەبا، بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز ھاماقەتلىكتە شۇ دەرىجىگە يەتكەن بولسا - ھە!"
ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "ئادەتتە بۇ خىل مەزمۇندىكى ئاۋاز خاتىرىلىرى بۇيرۇق بىلەن يوق قىلىۋېتىلىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە سەمىڭلاردا بولسۇنكى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدە تېلېفون ئاڭلاش خىزمىتىگە قويۇلغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگەتكەن ياشلار، گەرچە بۇ خادىملار خىزمەت مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ قول تېلېفون قاتارلىق ھەر قانداق ئاۋاز كۆچۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئىش ئورنىغا ئەكىرىشى مەنئى قىلىنغان، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغىنىدا ھەتتا بىر پارچە قەغەزنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كېتىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە ئورناپ كەتكەن مەزمۇنلارنى يوق قىلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بىزدە يوق. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلار دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، چۈنكى سىلەرنىڭ ھەر بىر ئىشىڭلارنى كىشىلەر بىلىپ تۇرۇشى مۇمكىن، گەرچە بۇ خادىملار ھازىرچە بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز بولسىمۇ، ئەمما بۇندىن كېيىن ئۇلار قانداق جايلاردا ئىشلىشى مۇمكىن بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس."
بۇ ئەمەلدار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئادەتتە بۇ ئەمەلدارلارنى ئاگاھلاندۇرۇش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
بوشۈن تور بېكىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ كۇرسقا قاتناشقان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلداردىن ئىككىيلەننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، نامدا چەتئەللەردىن كېلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەر ھەم چەتئەلگە ئاخبارات يەتكۈزگۈچىلەرنى تۇتۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل تېلېفون ئاڭلاشتا، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرى ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇقى، ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھوقۇق تالىشىش كۈرۈشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مەخپىيەتلىكلەر بولغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەتچىلىكلەرنى ئاۋام خەلققە جاكارلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ پاكىتلارنى بۇيرۇق بىلەن يوق قىلىۋېتىلىشى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىك ئەمەلدارلارنى ئۆز قانات ئاستىغا ئىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىگە دائىر پاكىتلارنى يوقىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رېئال ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.