يىغىندا، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىزچىل زەربىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلدى.
يىغىندا ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىدىن Sheila Jackson Lee خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇزۇن يىللىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، مەن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىمەن. مەن بۇ پۇرسەتتە، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدە ۋە دۆلەت سىرتىدا ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يىغىندا سۆز قىلغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى Chsitopher Smith، مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىدى. ئولىمپىكقا 9 كۈن قالغان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ، تىبەتلىك راھىبلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، فالۇنگۇڭ ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرى يەنىلا زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ. زۇلۇم باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، پەقەتلا ئولىمپىك سەۋەبىدىن."
بۈگۈنكى يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي دېموكىراتچىلىرىدىن ياڭ جيەنلى قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتايغا قارشى ئۆكتىچى رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى. ياڭ جيەنلى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: "تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۈچىنى خەلقتىن ئالمىغان، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە تايانمىغان بىر ھۆكۈمەت دۇنياۋىي لىدېر بولالمايدۇ." ياڭ جيەنلى بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى ئىچىدە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمىغىنى ئۈچۈن، خەلقئارالىق مەسىلىلەردە، جۈملىدىن سۇدان ۋە بېرما مەسىلىسىدە خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەس، دىكتاتورلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ياڭ جيەنلى سۆزىدە يەنە، خىتاي دېموكراتىك بىر دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى، خىتايدا دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەت تىكلەنگەن تەقدىردە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 1986 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئوقۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2002 - يىلى خىتايغا قايتىپ، يەر ئاستى پارتىيە قۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئۇ، 2007 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ياڭ جيەنلى نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىسىدۇر.
يىغىندا يەنە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى Felice D. Gaer سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئەسلىدە بىز ئولىمپىك سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە سەكرەش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇشىنى كۈتكەن ئىدۇق، ئۇنداق بولمىدى، ئەكسىچە، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشتى، بولۇپمۇ دىنىي زاتلارغا زۇلۇم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
يىغىندا ئۇ پرېزىدېنت بۇشقا خىتاپ قىلىپ، خىتايغا بارغىنىدا، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەيدانىنى خىتايغا بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپ پىكىرلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئىككى ئوغلىنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىگە قارىتا باستۇرۇشنى توختىتىش؛ تىبەتلىك راھىبلارغا قارىتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى توختىتىش؛ دالاي لاما بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.