ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئادىل روزى ھەققىدە سۆھبەت

خىتاي سوت مەھكىمىلىرى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئارقا ‏- ئارقىدىن سوت ئېچىپ، مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلدى.

0:00 / 0:00

2009 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتتا 6 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بىر ئۇيغۇرنى ئۆمۈر بويى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇ قېتىملىق سوتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىسىملىرى، ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋاھىت، غېنى يۈسۈپ، ئابدۇللاھ مەمەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر ۋە ئالىم مەمەتيۈسۈپ قاتارلىقلار بولۇپ، ئۆمۈر بويى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىنىڭ ئىسمى بولسا تاھىرجان ئابلىمىت ئىدى. سوت مەھكىمىسى بۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

شۇ قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ قاتارىدىكى ئادىل روزى ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش، ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدىن بولۇپ، بىز ئادىل روزى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان سىدىقجان ئىسىملىك دوستى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سىدىقجان بىزگە ئادىل روزىنىڭ قىسقىچە ھاياتى ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىق، كەمتەر، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشنى خالىمايدىغان، ياخشى نىيەتلىك، تىرىشچان ياش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئادىل روزى توغرىسىدا سىدىقجان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.