تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىر تەرەپتىن ئۆمەرجان ئابلانىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە تالانتىغا ئاپىرىن ئوقىسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ "خىتاينىڭ نېفىت ساھەسىگە توھپە قوشۇشى" نى سىياسىي ئاڭنىڭ يوقسۇللۇقى دەپ تەنقىد قىلدى.
ئىنكاسچىلار بىردەك ھالدا، ئۆمەرجان ئابلانىڭ، بىر دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئاجرىتىلغان مۇتەخەسسىسلىرى ئىجاد قىلالمىغان بىر ئەسۋاپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىنى ئۈچۈن ئاپىرىن ئوقۇغان. ئىنكاسچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە، ئۆمەرجان ئابلاغا خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ئىنساپسىزلارچە ھەقسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
بۇ ھەقسىزلىقنى بىر قىسىم ئىنكاسچىلار، خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە قانۇنىدىكى ئادالەتسىزلىككە باغلاپ تەھلىل قىلغان. بۇ تۈر ئىنكاسلاردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: " جۇڭگودا پاتېنت ھوقۇقى دېگەن نۆلگە تەڭ. ئاساسىي قانۇن كۆزگە ئىلىنمايۋاتقان بىر دۆلەتتە، مۈلۈك ھوقۇقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس؛ ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندە بولۇۋاتقان بىر جەمئىيەتتە پاتېنت ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس."
يەنە بىرقىسىم ئىنكاسچىلار مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ھاكىم مىللەتنىڭ تەبىئىتىگە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىگە باغلاپ تەھلىل قىلغان. بۇ تۈر، ئىنكاسلاردىن بىرىدە كىنايە قىلىنغان: " مانا بۇ ئۆگەي بالىنىڭ ھالى، مانا بۇ ئۇلۇغ كومپارتىيە رەھبەرلىگىدىكى ئادىل جەمئىيەت، ئىناق جەمئىيەت؛ مانا بۇ، 'دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار' غا بېرىلگەن مۇكاپات. ئاۋۋال نېفىتىنى بېرىپ، ئارقىدىن نېفىتنى توشۇيدىغان ئەسۋاپ ياساپ بەرگەننىڭ مۇكاپاتى."
يەنە بىرقىسىم ئىنكاسچىلار، ئۆمەرجان ئابلانىڭ بىر تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆز تالانتىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا خاتا يەرگە ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بۇ تۈردىكى ئىنكاسچىلارنىڭ قارىشىچە، نېفىت ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىدۇر؛ ئۇ كەلگۈسى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ رىسقىدۇر. خىتاي نېفىت شىركىتى بولسا، ئەنە ئەشۇ رىسىقنى دۆلەت ھىمايىسىدە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋاتقان بىر گۇرۇھتۇر. مانا بۇ گۇرۇھنىڭ پائالىيىتىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە تېزلىتىدىغان بىر ئەسۋاپنىڭ بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىشى ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقەدۇر.
بۇ قاراشتىكىلەردىن بىرى پىكرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:" ئۆمەرجان ئابلانىڭ ھالى ئىنساندا يالغۇز تالانت بولسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە سىياسىي ئاڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئەگەر ئۆمەرجان ئابلادا بەلگىلىك سىياسىي ئاڭ بولغان بولسا، ئانا تۇپرىقىنىڭ بايلىقىنى ئېلىپ ماڭغۇچىلارغا ئەسۋاپ ياساپ بەرمىگەن بولاتتى؛ ئەگەر ئۇنىڭدا سىياسىي ئاڭ بولغان بولسا، ئۆز باشلىقلىرىنىڭ خۇي - پەيلىنى تولۇق بىلەلىگەن ۋە بۇ ئىجادىيىتىدىن ئۆزىگە ھېچنىمە تەگمەيدىغانلىقىنى ئالدىن تەخمىن قىلالىغان بولاتتى."
يەنە بىر ئىنكاسچى، ئۆمەرجان ئابلا ئىجاد قىلغان ئەسۋاپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ خىل ئەسۋاپلارنىڭ پاتېنت ساھىبىنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
پاتېنت ساھىبى ئۆمەرجان ئابلا بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەسۋاپنى ياساش غايىسىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتلىماي قالغان مىنامىتلارنىڭ مۇھىتنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتە يەرلىك ئورۇنلارغا بېرىلگەن ئازغىنە تۆلەمنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەنلىكىنى، زىياننىڭ دېھقانلارغا بولغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇ زىياننى ئازايتىش مەقسىتىدە مەزكۇر ئەسۋاپنى ياسىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، مەزكۇر ئەسۋاپنى ياسىغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلغان بىر ئىنكاسچى مەزكۇر تېمىدىكى مۇنازىرىلەرنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: " ئاۋۋال نېفىتىمىزنى بەردۇق، ئاندىن بۇ نېفىتىمىزنى يىلتىزىدىن سۈپۈرۈپ ماڭىدىغانغا ئەسۋاپ ياساپ بەردۇق: يەنە ياخشى بولالمىدۇق؛ يەنە چەتكە قېقىلدۇق: دېمەك، 'ئىتتىن كىيىككە ۋاپا كەلمەس، مۈشۈكتىن كەپتەرگە.'"