ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەر موڭغۇلىيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

ئورال ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئورال ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان. تىلشۇناس، يازغۇچى ۋە ئارخىلوگلاردىن تەركىب تاپقان يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمىلەردىن كېيىن يەنە موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر قەدىمىي يادىكارلىق ئىزنالىرىدىن بىلگە قاغاننىڭ قەبرىگاھى، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى، قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى پايتەختى قارا بالاساغۇن قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدا زىيارەتتە بولغان.

oral-altay-tilliq-qelemkeshler1-385
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشىنى زىيارەت قىلماقتا. 2011-يىلى ئىيۇل. (RFA)

بۇ ئىلمىي پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى رەئىسى قەيسەر ئۆز ھۇن ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ قەيسەر ئۆز ھۇن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە دىققەت قىلغايسىلەر.