كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا نامايىش

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئېلىپ بېرىلماقتا.

0:00 / 0:00

شۇ قاتاردا، 10 - ئىيۇل كۈنى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئوتتاۋا شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداقلا، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سپونسورلۇق بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پارلامېنت بىناسى ئىچىدە مەتبۇئاتلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

مەتبۇئات يىغىنىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن ئالەكس نىيۋ ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن رۇقىيە تۇردۇش ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ھەقلىرى ئۇچۇن توختىماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسى پائالىيەتچى مەمەت توختىلار سۆز قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.