سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپىدا "ئۇسۇلى جەدىد" نىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ھەققىدە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپىدا "ئۇسۇلى جەدىد"نى باشلىغان ئادەم
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپىدا "ئۇسۇلى جەدىد"نى باشلىغان ئادەمنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپىدا "ئۇسۇلى جەدىد" نى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا باشلامچى بولغان كىشى تاتار مىليونېرى غەنىباي ئىدى. ئۇ كۆپنى كۆرگەن، سېخىي، ئوچۇق پىكىرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشى بولۇپ، جاي - جايلاردا سودا - سېتىق قىلىش جەريانىدا ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھەم بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە كۆپ ئويلانغان. ئۇ بۇ سەۋەبنى تەبىئىي ھالدا مائارىپقا باغلاپ چۈشەنگەن. غەنىباينىڭ بۇ چۈشەنچىسى ۋە بۇ ئارزۇسى شۇ زاماندىكى كۆپ سانلىق زىيالىلارنىڭ ئورتاق چۈشەنچىسى ۋە ئارزۇسى ئىدى. غەنىباي ئوتتۇرا ئاسىيادا، خۇسۇسەن تاتارلار ئىچىدە مائارىپ ئۇسۇلىنى يېڭىلاش، مەكتەپ - مەدرىسىلەرنى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ ئىلگىرىلەش يولىدا بارلىقىنى ئاتايدۇ. غەنىباي 1902 - يىلى ۋاپات بولغىنىغا قەدەر "ئۇسۇلى جەدىد" چە مائارىپنى پۈتۈن تاتار خەلقىگە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچى ئىشلىگەن مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى."
ئوتتۇرا ئاسىيادا " ئۇسۇلى جەدىد"مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى
ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 1893 - يىلى ئىيۇندا غەنىباي سەمەرقەند شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇ سەمەرقەندتىكى بىر مېھماندارچىلىققا قىرىملىق تاتار زىيالىيسى، مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابى ئىسمائىلبېك غاسپىرالى ئەپەندى قاتارلىق 20 نەچچە نەپەر بىلىملىك زات بىلەن بىللە بولۇپ قالىدۇ. بۇ سورۇندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەدرىسىلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ قالاقلىقىنى، شۇڭا يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېپىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىدۇ. سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا تېپىپ سەمەرقەند شەھىرىدە يېڭى مەكتەپ ئېچىپ سىناپ باقماقچى بولىدۇ. غەنىباي مەكتەب ئېچىشنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىسمائىلبېك دەرسلىك ۋە ئوقۇتقۇچى تېپىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، سەمەرقەندتە ئوتتۇزغا يېقىن بالىنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلىپ"ئۇسۇلى جەدىد"چە ئوقۇتۇشنى يولغا قويىدۇ. دەرس ئۆتۈلۈپ قىرىق كۈنگە قالماي بالىلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولىدۇ. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "ئۇسۇلى جەدىد"چە ئوقۇتۇش كەڭ يولغا قويۇلىدۇ.
