ماقالىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان بۇ رايونلاردا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە قارشى خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقسىمۇ ئەمما، ئافغانىستاندا تېخىمۇ شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان غەرب ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىنىڭ كېلەچەكتە ئافغانىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا پارتلاش ھالىتىدە تۇرغان بومبا ناملىق مۇلاھىزە ماقالىسى " ئوتتۇرا ئاسىيا قايناۋاتقان قازان"، "ئىسلامىي رادىكاللىق كۈچلەنمەكتە"، " رايوندىكى يوقسۇللۇق رادىكاللىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا"، " ئىسلامىي رادىكاللىقنىڭ سىگناللىرى چېلىنماقتا " قاتارلىق تارماق ماۋزۇلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماقالىدە گەرچە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىقىلغىنىغا ئارىدىن 20 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە تەسىرى كۈچلۈك ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دېموكراتىك پارتىيىلەرنىڭ رايوندا كۆپلەپ مەيدانغا كېلەلمەسلىكى نەتىجىسىدە، ھەقىقىي دېموكراتىيىگە ئېرىشەلمىگەن خەلق نارازىلىقىنىڭ ئىسلامىي رادىكال ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق سىياسى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ باش كۆتۈرۈشلەر ئەلقائىدىنىڭ يېڭى ئۇۋىسى ھېسابلانغان يەمەندىكى مۇقىمسىزلىقلارما ئوخشاپ كەتكەنلىكى بىلەن دىققەت چەكمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە جىددىي ئەندىشىلەردە بولۇۋاتقان ناتو باش كاتىپى راسسمۇسسېن ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا خەلقئارانى ئوتتۇرا ئاسىياغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرغان ۋە ئەگەر ئافغانىستان تېررورچىلار ئۈچۈن ئىشەنچلىك بىر پاناھلىنىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا تېررورلۇق ئوڭايلا ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە رۇسىيىگە تارىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئافغانىستان بىر ئارال ئەمەس، شۇڭا تېررورغا قارشى كۈرەش ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدە چەكلىنىپلا قالسا نەتىجىلىك بولمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئىسلامىي رادىكاللىقنىڭ سىگناللىرى ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق بازىلىرىدىن كەلگەنلىكى ۋە بۇ يەردە ئۆزبېك، تاجىك ۋە قىرغىز مىلىتانتلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئەلقائىدە ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بىر قىسىملىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇرۇش قىلغانلىقى، ئەمدى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە بايانات بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۇلاھىزىچىلەر كېرىمۇف ۋە راخمانۇفنىڭ تەختتىن چۈشۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىچكى ئۇرۇشلار ئەلقائىدە مىلىتانتلىرىنىڭ بۇ رايونلاردا كۈتۈۋاتقان پۇرسەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررورلۇق ھەققىدە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھىزبۇ تاھرىر تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئونمىڭلارچە ئەزاسىنىڭ بارلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسمىدا تۇتۇشۇۋاتقان ئىس تۈتەكلەرنىڭ مىليونلارچە كىشىنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىسلار سەۋەبىدىن ئۇلغىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتتە غەربنىڭلا دىققىتىنى چېكىۋاتقان بىر رايون بولۇپلا قالماستىن بەلكى، خىتاي ئۈچۈنمۇ كېلەچەكتە پارتلاش ئېھتىماللىقى بولغان بومبىنىڭ پىلتىسى ھېسابلىنىدىكەن. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جۇغراپىيىلىك تېررىتورىيىدە بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئاۋازى سۈپىتىدە پارتلىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرۇلغان شاڭخەي 5 تەشكىلاتىنى يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا پارتلاش ئېھتىماللىق بولغان ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنى ئەلقائىدە ۋە ھىزبۇ تاھرىر قاتارلىق تەشكىلاتلارغا چېتىپ تېررورلۇق بىلەن جانلاندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولغانلىقى مەلۇم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان ئەندىشىسى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرىپ - چىقىپ تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە قارىتا نازارەت قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قازاقىستاندا ياشايدىغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر كوچىلارغا چىقىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق نامايىشچىلارنى ئۈستى يېپىق بىر مەركەزدە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ جۇغراپىيىدە ياشايدىغان بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بولغانلىقى بىلەنلا ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركى مىللەتلىرى ياشايدىغان تۇپراق بولغانلىقى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خۇلاسىلىغاندا، خىتاي، ئىران، ئافغانىستان ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتا قالغان بۇ كەڭرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ناتونىڭ تالىبانلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
