بۇ كىتاب تۈركىيىدىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ' ناملىق ئىلمىي تەتقىقات جۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى تۇرغۇت دەمىرتەپە ئەپەندى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان.
322 بەتلىك بۇ كىتاب بىر مۇقەددىمە، 9 ئىلمىي ماقالە ۋە بىر خۇلاسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەنۇبى كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى ئويۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۈتۈنلۈكى، ھازار ئېنېرگىيە مەنبەلىرى، ئېنېرگىيە سىياسىتى ۋە تۈركىيە، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك ۋە دېموكراتىيىلىشىش ساھەلەردىكى كاۋكازىيە سىياسىتى، خىتاينىڭ 1991 - يىلدىن 2007 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى، قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىچكى سىياسەتنىڭ رولى، گرۇزىيىدە يېڭى ھۆكۈمەت، مىللى ئايرىمىچىلىقى، رايونلار ۋە بىخەتەرلىك، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سىياسى تەسىر، ئافغانىستان ئەتكەسچىلىك تەھدىت ئاستىدا قالغان بىر دۆلەت قاتارلىق تېمىلاردا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلاردىن تەركىپ تاپقان.
بۇ كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خەلقئارا سىياسى سەھنىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ۋە خەلقئارا رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بىر سىياسى سەھنىگە ئايلانغانلىقى، كېيىنكى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە ئوخشاش بولمىغان سىياسى كۈچلەرنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەڭپۇڭلۇقى ۋە تەسىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا سەھنىسىدە يۈز بەرگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلى توختىتىلغان بولۇپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ پايدا - مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پىلانى ئىكەنلىكى يېزىلغان.
كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: 1991 - يىلدىن 1997 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىگە قارالغاندا، ئۈچ خىل پەرقلىق باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ، 1991 - يىلدىن 1995 - يىلغىچە بولغان ئارىلىق بولسا خىتاينىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچى يەنى خىتاي بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ئاساس پرىنسىپلىرىنى تەييارلىغان باسقۇچ، بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بېرىدىغان مۇقىمسىزلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىرقىي مىللەتچىلىك بىلەن دىنىي ئېقىملارنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىگە سىڭىپ كىرىشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان رايونلىرىغا تارقىلىشى ئىدى.
بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ئالدى بىلەن چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى ۋە رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاقلارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ ھەقتە خىتاي رۇسىيە بىلەن بەك يېقىن بىر ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كونا خوجايىنى بولغان رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئالغان.
ئىككىنچى باسقۇچ بولسا، 1996 - يىلدىن 2001 - يىلغىچە بولغان مەزگىلدۇر، بۇ مەزگىلدە خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدىن مۇۋۋەپپىقىيەتلەر قازىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ تەشكىلاتقا 4 ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ۋە رۇسىيىنى غەزەپلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن بۇ تەشكىلاتقا قوشتى. شۇنداق قىلىپ خىتاي ھەم رۇسىيىنىڭ غەزەپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھەم رۇسىيە بىلەن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بىر مەيدانغا توپلىنىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى ئالدى.
كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدىكى ئۈچىنچى باسقۇچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان ۋە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئۈچىنچى باسقۇچتا بولسا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ يەرلىشىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇق كۈچى مەيدانغا كەلدى. خىتاي رۇسىيە بىلەن ئورتاقلىشىپ كېلىۋاتقان پايدا - مەنپەئەتىنى ئەمدى ئامېرىكا بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ ۋەزىيەت خىتاي ۋە رۇسىيىنى قانچىلىك قايغۇغا سالسا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك پايدىلىق پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بۇ ئارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى ئەندىشىلىرى يوقاپ كەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى مەزگىلدە بىر يول تاللىغان بولۇپ ھەر ئۈچ چوڭ كۈچكە قارشى كەلمەي، ھېچ بىر كۈچكە ئايرىم بېقىنماي تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى ساھەدىكى بەزى مەسىلىلىرى تېخى ھەل بولماي كەلدى، رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گازغا ئوخشاش ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ دۇنيا سودا بازىرىغا قانداق يېتىشتۈرۈش ھەققىدىكى پىلانلىرى ياۋروپا - ئاسىيا تەڭپۇڭلۇقى ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كىتابتا يەنە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى توغرىسىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان، 1991 - يىلى بەش مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى پارچىلىنىش دەۋرىنىڭ مىللەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىك بەس - مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل مىللەتچىلىرىنى مۇستەقىللىق توغرىسىدا جاسارەتلەندۈردى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دەۋر، تۈرك مىللەتچىلىك، ۋە دىنى ئىسلامچى ئېقىملار ئارقىلىق خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى، ئوتتۇرا، جەنۇبى ۋە شەرقىي ئاسىيا ئارىسىدا ناھايىتى ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ پارچىلىنىش دەۋرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بولۇپمۇ قازاقىستاندا 200 مىڭ، قىرغىزىستاندا 35 مىڭ ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق سالاھىيىتى بىلەن ياشىماقتا، بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەرنى قوللاپ قۇۋەتلىمەكتە.
1997 - يىلى خىتاي چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ساھەسىدە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي بەش تەشكىلاتنىڭ يىغىندا كېلىشىم قىلدى بۇنىڭ بەدىلىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلارنى قوللىمايدىغانلىق توغرىسىدا خىتايغا ۋەدە بەرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەت قىلىدىغانلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستىدا، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئاجىزلىقلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول ئاستىدا تۇتۇشقا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى ۋە ئاجىزلىقى خىتايغا قارشى غەلىبە قىلىش پۇرسىتىنى تەدرىجى قاچۇرۇپ قويدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك ۋە تەشكىللەنگەن يەر بولسا ئىنتېرنېت دۇنياسىدۇر، بولۇپمۇ تۈركىيە، ئافغانىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، غەربى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ياشايدىغان تەخمىنەن 150 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەسىرلىك پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چوڭ ھەجىمدە ھەمكارلىق كېلىشىمى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قۇرغان سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋام قىلالىشى، رايوندىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ داۋام قىلىشىغا باغلىق، خىتاي يېقىنقى زامانلاردا، قىرغىزىستانغا بېسىم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇ رايوندىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى ئۈمىد قىلماقتا، خىتاي ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىرغىزىستاندا بىر ھەربىي بازا قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلمەكتە، خىتاي قىرغىزىستاندا مۇناسىپ ئورۇن تاپقاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن كېيىن قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان ئۈچىنچى چوڭ كۈچ بولىدۇ.
بۇ كىتابتىكى ئىلمى ماقالىلار ئاساسلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى مەزگىللەردە تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ئاكادېمىيىلىك پرىنسىپ بويىچە يېزىلغان.
