سېيىت سۇلتانخاننىڭ بۇ باياناتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى خىتايپەرەس ئۇيغۇرلاردىن بىر ئۆمەك تەشكىللەپ، بۇ يىل 6 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرغان. قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان قاتارلىق 10 غا يېقىن دۆلەتتىكى 30 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى 15 كۈن زىيارەت قىلغان. زىيارەت ئاخىرىدا ئۇلارغا ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتلار ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى تاپشۇرغان.
شۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغان پاكىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن سېيىت سۇلتانخان شۇ قېتىملىق زىيارەت ھەققىدە توتالدى. ئۇ، زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن گېلگىت گېزىتىدە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا ھېچقانداق مىللىي مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاپىرىن ئوقۇغان.
سېيىت سۇلتانخاننىڭ بۇ سۆزلىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان؛ ئۇلار بىر قانچە كۈندىن بېرى رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، سېيىت سۇلتانخاننىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەرگىز پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ خىل كىشىلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆز نەپرىتىنى ئىپادىلىگەنلەر ئىچىدە، پاكىستاندىكى سەمەت ھاشىمجان ئىسىملىك بىر ياش ۋە ئىسلامئابادتا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن شېرىك توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە بىر قىسىم مەنپەئەتپەرەس كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سېيىت سۇلتانخان زىيارىتىمىزنىڭ بېشىدا، ئۆزىنىڭ ھەقنى سۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئەتىكى پروگراممىمىزدا، سېيىت سۇلتانخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى سىلەرگە سۇنۇمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
