پاكىستانلىق تىجارەتچى سالفۇرات، 2004-يىلى ئۈرۈمچىدىكى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىنىڭ 5 قەۋىتىنى سېتىۋالغان. نۆۋەتتە مېھمانخانىنىڭ بۇ قەۋەتلىرىنى پاكىستانلىق تىجارەتچى ۋە سەيلە-ساياھەتچىلەر، ئىشخانا ۋە تۇرالغۇ ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. يېقىندا مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىنىڭ ئەسلى ساھىبى بولغان خىتاينىڭ گۇاڭخۇي شىركىتى پاكىستانلىق تىجارەتچى ۋە ساياھەتچىلەرگە مېھمانخانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېھمانخانىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال بۇ مېھمانخانىنىڭ 5 قەۋىتىنى سېتىۋالغان سالفۇراتنى ھەيران قالدۇرغان ۋە چۆچۈتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېھمانخانىنىڭ 5 قەۋىتىنى رېمونت قىلىش-قىلماسلىق قارارىنى ئۆزى بېرىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭغا گۇاڭخۇي شىركىتىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتىپ مەزكۇر شىركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن داۋالاشماقتا.

سالفۇرات بۇ ئەھۋاللارنى ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى سودا ئىادرىسى، ئەرزىيەت ئىشخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىيالمىغان. ئۇ ئالدىنقى كۈنى يەنە 22 نەپەر پاكىستانلىق بىلەن بىرلىكتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېرىپ، بۇ ئەھۋاللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سالفۇرات مېھمانخانىنىڭ 5 قەۋىتىنى 2004-يىلى 9 مىليون يۈەنگە سېتىۋالغان ۋە 3 مىليون يۈەنگە رېمونت قىلدۇرغان. ئۈرۈمچىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە بۇ مېھمانخانىنىڭ قىممىتى ئىلگىرىكىدىن يەنە كوپ مىقداردا ئۆسكەن، سالفۇراتنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭخۇي شىركىتى مەزكۇر قەۋەتلەرنى ساتقىنىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ياكى بىر پاكىستانلىقنىڭ بۇنچىۋالا پايدا ئېلىپ كېتىشىنى ھەزىم قىلالمىغان. يەنە سالفۇراتنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن پەرەز قىلىشىچە، گۇاڭخۇي شىركىتى بۇ مېھمانخانىنى باشقا بىر خىتاي شىركىتىگە ساتقان ۋە ياكى سېتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
سالفۇرات ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ شۇ چاغدا ئاشكارىلىشىچە، تۇرغۇنجان ئوبۇلقاسىم ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەرۋە رېستورانىنىڭ ئاشپىزى بولۇپ، تۇرغۇنجان ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە تۇرغۇنجاننى سۈرۈشتە قىلىپ بارغىنى ئۈچۈن تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ تۈنۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۇ قېتىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغان.
سالفۇرات ئۆزى ۋە ۋەتەنداشلىرى دۇچ كەلگەن نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يالغۇز تىجارىي ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، ئىنسانىي ھەق مەسىلىسى دەپ قارىماقتا؛ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇ تۈر مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
