مۇنەۋۋەر خانىم: «خىتاي دىنىمىز، تىلىمىز، كىملىكىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنى پەرزەنتلىرىمىزدىن باشلىدى»

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغاچقا، دىنىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، تىلىنى ۋە مۇقەددەس دىنىنى قوغداش ئىرادىسىنى يوقىتالمايدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ تارماقلىرى بۇ يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىنى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قەرەللىك يىغىۋېلىپ ئاتېئىزم تەربىيىسى ۋە سىياسىي تەربىيىلەر ئېلىپ بارماقتا. ئەكسىچە، بۇ يازلىق تەتىلنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم تەربىيە، ئانا تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت تەربىيىسى سىڭدۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى، دەپ قاراپ، مەخسۇس پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش ئىشلىرى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغاچقا، دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، تىلى ۋە مۇقەددەس دىنىنى قوغداش ئىرادىسىنى يوقىتالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىز.