بۇ ئەرز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى، مەزكۇر ئەرزنامىدا قوشئاۋات يېزىسىدىكى لى شۇجىنىڭ دېھقانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جازانىخورلۇق قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان بولۇپ، بىز لى شۇجىنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزى ئۈستىدە قىلىنغان شىكايەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى،قوشئاۋات يېزىسىدىكى بارلىق دېھقانلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز لى شۇجىنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.
پەيزىۋات ناھىيە قوشئاۋات يېزىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لىنىڭ قىلمىشلىرى شىكايەت قىلىنغان ئەرزدە بايان قىلىنىشىچە، لى دېھقانلاردىن ھەر يىلى يەر ھۆددىگە بەرگەندە ئارتۇق چىققان يەرگە پۇل يىققاندىن سىرت، سۇ پۇلى ۋە يېڭى ئېچىلغان يەرگە 100 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە پۇل يىغىدىكەن. شۇنىڭدەك 2008 - يىلى سېلىق تۈرلىرىنى 20 خىلدىن ئاشۇرغان. ئۇ يەنە دېھقانلاردىن يىققان پۇل بىلەن ياچېيكا شۇجىلىرىنى 30 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلىغان. لى يەنە مەخسۇس قىمار سورۇنى تۈزەپ، ياچېيكا كادىرلىرى بىلەن قىمار ئويناشنى ئادەتلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قانچە كۆپ قىمار ئوينىغان كادىر شۇنچە ئەتىۋارلانغان.
ئۇ ھەتتا ئوچۇق - ئاشكارا " قىمار ئوينىمىغان كادىر بەدىنىدە ئەركەك تۈكى يوق كادىر، بەدىنىدە ئەركەك تۈكى يوق كىشى قانداقمۇ كادىرلىق قىلالىسۇن " دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كادىرلارنى قىمار ئويناشقا مەجبۇرلايدىكەن.
لى بۇلاردىن سىرت، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قورۇسىدىن 3 ئېغىز ئۆيدە مەخسۇس كەكلىك، قىرغاۋۇل، كۆك كەپتەر باقىدىغان ۋە بۇلارنى مەخسۇس لى ئۈچۈن تائام قىلىپ تەييارلايدىغان ئاشپەز ۋە باشقا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاجراتقاندىن سىرت، بەش - ئالتە ئايال خىزمەتكارنى ئىشقا سالىدىكەن.
ئەرزدە، لى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر دۆلەت كادىرىمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ بۇنى دېھقانلارنىڭ ئېنىق ئايرىيالمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز ئۇنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئەرزدە يەنە، لىنىڭ شېكەر كۆلدە مېھمانساراي، قىمارخانا، پاھىشەخانىلار ئاچقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرى بىلەن قوشئاۋات يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن لى شۇجى توغرىسىدىكى شىكايەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن لى شۇجىنى زىيارەت قىلدۇق .
زىيارىتىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلغان لى شۇجى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن قىلىنغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ "سەن يېزا كادىرلىرىدىن مېنىڭ قانداق بىر كىشى ئىكەنلىكىمنى سۈرۈشتۈرگىن، مېنىڭ ئۈستۈمدىن تۆھمەت ئويدۇرغان كىشىلەر ماڭا ئايان، بۇنى قىلغان دېھقانلار ئەمەس، بۇنى قىلغان بىر قىسىم يېزا كادىرلىرى،" دېدى. ھەقىقەتەن لى ھەققىدە يېزىلغان نارازىلىق خېتىدە " بۇ ئەرزنامە مەزكۇر شۇجىنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار كادىر تەرىپىدىن يېزىلغان، ئۇلار ئەرزنى ناھىيىگە سۇنسا ناھىيىنىڭ يەنە شۇجىغا چۈشۈرۈپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ تورغا يوللاشنى توغرا تاپقان،" دەپ ئەسكەرتىلگەن ئىدى.
ئانچە - مۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغان لى زىيارىتىمىز جەريانىدا چۈشىنىش ناھايىتى قېيىن ھالەتتە ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى.
لى زىيارىتىمىز داۋامىدا قايتا - قايتا مەن ئەرزدە ئېيتىلغان ناچار ئىللەتلەردىن خالى، مەن توغرا ۋە دۇرۇس ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن پارتىيە ماڭا 15 يىلدىن بۇيان پارتكوم شۇجىسى بولۇش ۋەزىپىسىنى بەرگەن. مەن دېھقانلار بىلەن ناھايىتى ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتىمەن، دېھقانلار مېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇنداق بولسا بىز يېزا دېھقانلىرىدىن سېنىڭ ھەققىڭدە ئەھۋال ئىگىلىسەك، دېھقانلار سەن ئېيتقاندەك سېنىڭ دۇرۇس ئىنسان ئىكەنلىكىڭنى بىزگە ئېيتارمۇ ؟ دەپ سورىدۇق . ئۇ سەل ئىككىلىنىپ، مەن ئىشىنىمەن، ئۇلار توغرا سۆزلەيدۇ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز يېزىدىكى دېھقانلارنى زىيارەت قىلدۇق.
دېھقانلار بىرىنچى قول يېزا باشلىقىنىڭ لى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇنى ئىزچىل ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەلەك ئىسىملىك يەنە بىر يېزا باشلىقىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئەيشى - ئىشرەتتە بىرگە ئىكەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەردى. ئەمما، لى شۇجى بىزنىڭ يېزىدا بۇنداق بىر ئادەم يوق دەپ چۈشەندۈرۈش بەردى.
ئەمما بىرىنچى قول يېزا باشلىقى، دېھقانلار ئېيتقان ھەلەك ئىسىملىك كىشىنىڭ ھېلى ھاجى ئىكەنلىكىنى توغرىلاپ بەردى.
سۆزىدە لى شۇجىنى قايتا - قايتا ئاقلىغان يېزا باشلىقى، بىز يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئازراق ئىككىلىنىپ، ئاز - تولا مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلدى.