قاغىلىقتا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار قۇربان ھېيت كۈنى مەكتەپكە يىغىۋېلىندى

ھېيت كۈنى ئەتىگەن ھەم جۈمە كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە يىغىۋېلىش، قاغىلىق ناھىيىسىدە بىرقانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.

0:00 / 0:00

9-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شىنلاڭ تور بېكىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە بۇ يىل قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى ھېيت نامىزى مەزگىلىدە، ناھىيىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇيرۇق بىلەن يىغىۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، رادىئومىز قاغىلىق ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

قاغىلىق ناھىيىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ مۇخبىرنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئوخشاش بولمىدى.

ئېھتىيات يۈزىسىدىن، مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئاغرىپ قالغىنى ئۈچۈن، سىرتقا چىقمىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ ئاددىي پۇقرا بولغىنى ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ياكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى قۇربان ھېيت كۈنى يىغىۋالغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنىڭ خىتاي بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت قائىدىلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خىتاي ئايال، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ناھىيىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزى سىرتقا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ھېيت مەزگىلىدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلىرىنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە يىغىۋېلىنىپ، ھېيت نامىزى تۈگىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان بىر ئۇيغۇر، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا،ئانىلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا نارازى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغىنى ئۈچۈن، بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ھېيت نامىزى مەزگىلىدە مەكتەپكە يىغىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى ئۆز بايانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بايرام مەزگىللىرىدە، ناھىيىدىكى خەلق مەيدانىغا يىغىۋېلىنىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما باشقىلاردىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى بىر قىسىم ئىدارىلەردە قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدارىگە يىغىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى ئۆز بايانىدا يەنە، قاغىلىق ناھىيىسىدە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق چەكلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامازغا بېرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى چاغلاردا ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشقا يېرىم سائەت ئىلگىرى قويۇپ بېرىلىپ، جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان مەزگىلدە مەكتەپكە يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان قەشقەرنىڭ قاغىلىق، توققۇزاق، پوسكام ناھىيىلىرى ھەم خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، قۇربان ھېيت، روزا ھېيتقا ئوخشاش بايرام كۈنلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېيت نامىزىغا بېرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار باشقا ناھىيىلەردىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.