قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە باش كىيىم كىيىش چەكلەنمەكتە

يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە باش كىيىم كىيىشى چەكلەنگەن. ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە، بۇ مەۋسۇم كىرگەندىن بۇيان بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە باش كىيىمسىز كېلىشى بەلگىلەنگەن، بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەتتا جەرىمانە ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

بىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى ئالغان ئوقۇتقۇچى ھازىر ھەقىقەتەن قاغىلىق تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى‏ - ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مەكتەپ ئىچىدە باش كىيىم كىيمەسلىك تەلىپى يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ تاپتا ئىشخانىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ ئىشنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى دەپ تېلېفوننى مەكتەپ مۇدىرىغا بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ مۇدىرى، مائارىپ ئىدارىسىدىن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە باش كىيىم كىيمەسلىكى ھەققىدە تېخى مەخسۇس ئېنىق ھۆججەت چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى، مەكتەپلەردە باش كىيىم كىيمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىر بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مەكتەپتە باش كىيىم كىيمەسلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ مەكتەپ مۇدىرى يەنە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىلگىرى بىر مەزگىل مەكتەپلەردە يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر قاغىلىق تەۋەسىدىكى بەزى مەكتەپلەردە تولىمۇ سولچىل مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە كومپارتىيە سېكرىتارلىرىنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىدە مەكتەپ ئىچىدە باش كىيىم كىيمەسلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈۋالغانلىقىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا نارازى ئىكەنلىكىنى دېدى.

قاغىلىق ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىتاي خىزمەتچى خادىمىنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش كىيىم كىيمەسلىكى پېداگوگىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئىكەن.

بىز ئۇنىڭغا قاغىلىقتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى بىزگە ئىنكاس قىلغىنىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ نارازى بولغان ھالدا بىزگە بۇ خەۋەرنى زادى كىمنىڭ يەتكۈزگەنلىكىنى قايتا - قايتا سۈرۈشتۈردى ھەم ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشقا نارازى بولسا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە ئىنكاس قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، قارىغاندا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ خادىمى بىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقىنىمىزدىن ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلاتتى.

قاغىلىق ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر خىزمەتچىسى بولسا، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەكتەپلەردە باش كىيىم كىيمەسلىك توغرۇلۇق مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىلمىغانلىقىنى، بەزى مەكتەپلەرنىڭ بۇنداق تۈزۈم چىقىرىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بەلگىلىگەن ئومۇمى نىزام بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز قەشقەر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قاغىلىقتا مەكتەپلەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش كىيىم كىيىشى چەكلىنىۋاتقان ئەھۋالدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار - يوقلۇقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلىفون قىلغىنىمىزدا، تېلىفونىمىزنى ئالغان ئىدارە خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن تازا خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، مائارىپ ئىدارىسىدىكى مەلۇم بىر ئىشخانا مۇدىرىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى دەپ بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئىشخانا مۇدىرى، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، بىزنىڭ بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقىمىزنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا بولۇۋاتقان زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشىمىز كېرەكلىكىنى، ئەلۋەتتە ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان مەكتەپ ئورۇنلىرىدا تەلەپنىڭ تېخىمۇ چىڭ بولۇشىنىڭ نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بىزنىڭ باش كىيىم مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ - ئادىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىگە، ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن باش كىيىم كىيمەسلىك تەلەپ قىلىنسا، بۇ ئىشنىڭ ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۈمكىنلىكىگە نىسبەتەن قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا نىسبەتەن، ھەر قانداق ئادەتنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىمەكچى بولساق يەنىلا ئىشخانىغا بېرىپ، ئۇنى يۈز تۇرانە زىيارەت قىلىشىمىزنى ئېيتىپ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

تور بەتلىرىدە ئىنكاس قىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردىكىگە ئوخشاش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا چەكلىمە قويۇلىدىغان بۇ خىل بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مەۋجۇد ئىكەن. بىز بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق بېرىمىز.