قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئۆز مىللىي كىملىك تۇيغۇسى كۈچەيمەكتە

ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان قازاقىستان مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە مىللىي كىملىكىنى قەدىرلەش ئىدىيىلىرى كۈچەيمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ خىل قىزغىنلىق ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە جەريانىدا تېنىچ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلغان شۇنىڭدەك بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قەدىرلەش ھەم ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىرى قازاقىستاندا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. نۆۋەتتە، قازاقىستان رەسمىي دائىرىلىرى بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 300 مىڭغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئامۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقاندىن سىرت يەنە تالدى قورغان ئوبلاستىغا تەۋە چىلەكتىن تارتىپ، تاكى يەركەتكىچە بولغان كەڭ يېزا - قىشلاقلار ھەمدە شەھەرچىلەردىمۇ زور ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ.

قازاقىستان نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسىمى جايلاشقان ۋە ئۆز ئانا - تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىي مائارىپى ھەم مىللىي سەنئىتىنى ياخشى ساقلىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، ھازىر بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالماقتا. بۇ ھەقتە ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسى ، دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنتېرنەتتىن پايدىلىنىشى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى چەتئەللەردىكى ئىنتېرنەت تور بەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدىكەن.

دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاقىستان مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى شۇنىڭدەك بىر قانچە كىتابنىڭ ھەمدە نەچچە ئونلىغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئاپتورى. در. رۇسلان ئارزىيېۋ ئەپەندى ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ " ئۇيغۇر تىلى" ناملىق ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان شۇنىڭدەك يېقىندا يەنە 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ " قۇتاتقۇ بىلىگ" ناملىق ئەسىرىنىڭ سلاۋيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى ئۇنىڭ باش تەھرىرلىكى ۋە كىرىش سۆز يېزىشى بىلەن ئامۇتىدا نەشىر قىلىنغان .

رۇسلان ئارزىيېۋ ئەپەندى 1994 - 1995 - يىللىر تۈركىيە ئاتا تۈرك تىل - تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەنقەرەدە پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق تۈرك تىلى گرامماتىكىسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.