قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 5 ‏- فېۋرال كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

5 ‏- فېۋرال كۈنى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقلەر بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى، خاتىرىلەش يىغىنى ھەمدە خەتمە قۇرئان پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.