قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ رۇس تىلىدا، ئالماتادا يورۇققا چىققان "2009 - يىل 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسى" ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىگە ئائىت يېڭى مەلۇماتلار بېرىلگەن. تۆت يېرىم باسما تاۋاققا يېقىن مەزكۇر ھۆججەتلىك كىتاب ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، چېگرىلىرى، تاغلىرى، دەريا - كۆللىرى، ھاۋاسى ۋە تەبىئىي مۇھىتى شۇنىڭدەك قېزىلما بايلىقلىرى ھەم ئاھالىسى ھەققىدە قىسقىچە ئاخبارات بېرىلگەن.
ئەمگەكنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك - مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ مىللىي - ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز بولىدۇ. مۇئەللىپ، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ياشلار قوزغىلىشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمى بولسا، بىۋاسىتە 2009 - يىلقى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلىنىدۇ. مۇئەللىپ شاۋگۇئەن ۋەقەسى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى تىنچلىق نامايىشى، 7 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي تەقىپلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ. 1997 - يىلىدىكى غۇلجا، 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغان قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بۇ ئەمگىكى سىياسىيونلارغا، تارىخچىلارغا ۋە كەڭ كىتابخان ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا ھاۋالە قىلىنغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئىلگىرى "ئۇيغۇر تارىخىغا بىر نەزەر"، "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئىككىنچى كىتابى رۇس ھەم ئۇيغۇر تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن ئىدى. تەتقىقاتچى ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىدە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە يېتەكچى ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ئىنتايىن باي مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. ئۇ، دۇنيانىڭ مەشھۇر ئالىملىرى، ساياھەتچىلىرى، سىياسىيونلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىگە، كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن. مەزكۇر كىتابلار دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى پەيدا قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.