ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش، خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن

خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەترىتى بۇگۈن ئەتىگەن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا 16 نەپەر ئەسكەر ئۆلگەن، 16سى يارىلانغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار 28 ۋە 30 ياشتىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش بولۇپ، ئۇلار قولغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

ۋەقەنى ئەڭ دەسلەپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ۋەقە ھەققىدە ناھايىتى قىسقا مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەن سائەت 7 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن كېلىپ، بىر مېھخانا ئالدىدا مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار ئالدى بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان قول بومبىسى ئاتقان، ئارقىدىن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

خەۋەردە يەنە، يۈك ئاپتوموبىلىغا پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يول ياقىسىدىكى ئىستولبىغا ئۈسۈپ پارتلىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن بىرى بىر پۇتى يارىلانغان، يەنە بىرى بىر قولىدىن ئايرىلغان ھالەتتە تىرىك قولغا ئېلىنغان.

بىز ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى ئورۇنلىرى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 ‏- دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، يارىدارلارنىڭ ۋىلايەتلىك 1‏ - دوختۇرغانىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 1 - دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يارىدارلار سانىنى 17 دەپ بىلدۈردى. ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز تېلېفون مۇلازىمەت باش ئاپاراتى خادىملىرىدىن بۈگۈن ئەتىگەن ۋەقە يۈز بەرگەن مېھمانخانىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرىڭ دېگىنىمىزدە، يىچۈەن مېھمانخانىسىنىڭ تېلېفونىنى بەردى. يىچۇەن مېھمانخانىسى قەشقەر مىللىي شىپاخانىسىغا يېقىن جايدا ۋە سەمەن يولى ئۈستىدە بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەمەن يولىدا يۈز بەرگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈنمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى تارقاتقاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتى نەزىرىنى قەشقەرگە ئاغدۇردى. ئەمما دائىرىلەر چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تەپسىلاتىنى بايان قىلمىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا قەشقەردىن قايتقان بىر گېرمانىيىلىك ساياھەتچىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.

گېرمان ساياھەتچى Siegfried Maurer ئۆزىنىڭ ئەتىگەن سائەت 8 دە قاتتىق پارتلىغان بومبا ئاۋازى بىلەن ئويغانغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ ئۆزى تۇرغان مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىكى يولدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن 4 سائەتكىچە ئۆزلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بىر تۈركۈم ساقچىلارنىڭ ياتاققا كىرىپ، رەسىم ۋە سىنالغۇ ئاپاراتلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە بۇ ساياھەتچى، ساقچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن يولنى يۇيۇپ قان داغلىرىنى تازىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىلىق ساياھەتچى Timothy O'Rourke ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا، 5 سائەتتىن كېيىن بېرىپ ۋەزىيەتنى كۆزەتكەن. ئۇ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا: "ئەتراپتا بىر قانچە ساقچى ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ، كوچا چىلىق - چىلىق سۇ، ۋەقەنىڭ ئىزىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇ يەنە ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا، يول ياقىسىدىكى بىر بىنادا دەز كەتكەن دېرىزىلەر، يىقىلغان بىر ئىستولبا ۋە چېچىلىپ ياتقان توك سىملىرى قاتارلىق ۋەقەنىڭ ئىزلىرىنى ھېلىھەم كۆرگىلى بولىدۇ،" دەپ بايان قىلغان.

بۈگۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردە، ئالدىنقى ئايدا قەشقەردە 5 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، ئۈرۈمچىدە دىنىي سۆھبەت ئۈستىدىكى قورالسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقى قاتارلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى زور ۋە ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. خەۋەرلەردە يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇتنىڭ بۇ ۋەقەدىن ئۈچ كۈن ئاۋۋال شەرقى تۈركىستانچىلار تەھدىت سالالمايدۇ دېگەن سۆزلىرى قىستۇرۇلدى. خەۋەرلەردە بولۇپمۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئولىمپىكتىن 4 كۈن ئاۋۋال يۈز بەرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.