ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 70 ئىكەنلىكى ۋە ۋە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ھۇجۇم مەزگىلىدە خىتاينىڭ ھەربىيچە كىيىمى بىلەن نىقاپلانغانلىقى بۈگۈنكى يېڭى ئۇچۇرلاردىندۇر.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاپتوموبىلنى خىتاي ئەسكەرلىرى يۈگۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتقان يول ياقىسىدىكى ئىستولبىغا ئۇرۇپ پارتلاتقانلىقى، ئاندىن ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئەسكەرلەرگە قول بومبىسى ئاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئارقىدىن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. يەرلىك ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۇلار ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا يەردىن ماسلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋەقەنى نەق مەيداندا كۆرگەن بىر پولشالىق ساياھەتچى، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: ۋەقە بىزنىڭ مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا يۈز بەردى، ۋەقە ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىدى، خىتاي ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارمۇ ھەربىيچە كىيىنگەن ئىدى. Wlodzislaw Duch ئىسىملىك بۇ ساياھەتچى بىر كومپۇتېر بىلىملىرى پروفېسسورى بولۇپ، ۋە ۋەقەنى ياتاق دېرىزىسىدىن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ۋەقەنى كۆرگەن گۇاڭدۇڭلۇق فېڭ پەمىلىلىك بىر ساياھەتچىمۇ، ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەربىيچە كىيىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ مەلۇمات، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەسلى ھۇجۇم پىلانىنىڭ ئەينى جايدىكى ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ ۋەقە ھەققىدىكى تۇنجى خەۋىرىنى، ئىككى ئىسيانكار قوراللىق قىسىم پونكىتىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلدى دەپ بەرگەن ئىدى.
يەرلىك ئاھالىلەر، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ كونترولنى يەنىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. يەنە بىر خانىم ساقچى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بىزگە مەلۇماتلار بەردى.
بۈگۈن قەشقەردە بايانات بەرگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم سېكرىتارى شى داگاڭ، ۋەقەنى ئولىمپىكقا قارشى نارازىلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە "بۇلار، 2008 - يىلىنى خىتاي ئۈچۈن ماتەم يىلىغا ئايلاندۇرماقچى" دەپ شىكايەت قىلغان. ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدىكى باياناتتا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
خىتاي بۇ ۋەقەدە چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بار دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما، خەلقئارا مەتبۇئات، ئابدۇراخمان ئازات بىلەن قۇربان ھېمىتنىڭ ھۇجۇمى، چەتئەل بىلەن ئالاقىسى يوق، پەقەت يەرلىك خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقى بىلەن ئالاقىدار دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۈگۈن يەنە، خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى پۇختا مۇداپىئە كۆرگەنلىكىنى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى خىتايغا كېلىشتە ئەندىشە قىلماسلىققا چاقىرغان. ئۇ يەنە قەشقەردىكى 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىنىڭ ساياھەتچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە خىتايدىكى مېھمانخانىلار ئالدىن پەرەز قىلغاندىكىدەك خېرىدارغا ئېرىشەلمىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا نۆۋەتتە خىتايدىكى 4 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ يېرىمى، 3 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ بولسا %90 ى بوش ھالەتتە. خىتاي بۇ قېتىمقى 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلماقتا.
بۈگۈن يەنە رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى، قەشقەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇندىن كېيىن يۈز بەرگۈسى ھۇجۇملاردىن قوغدىنىش ئۈچۈن يەنە قانداق تەدبىرلەرنى ئويلۇشىۋاتقانلىقىنى سورىغان، ساقچى تەرەپ بولسا، بۇ جەھەتتىكى چارىسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بولدۇق دەپ جاۋاب بەرگەن.
0:00 / 0:00