4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى

4 - ئاۋغۇست قەشقەردە، ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە 16 ئەسكەرنى ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ئاخباراتىغا قارىغاندا، 4 - ئاۋغۇست خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان ياشلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 4 - ئاۋغۇست قەشقەردە ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئەسكەر سانى 70 نەپەر بولۇپ،، بۇلارنىڭ ئىچىدە 16 نەپىرى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە 16 نەپىرى ئېغىر يارىدار بولغان.

ئەمما، ئاخىرىدا ھەر ئىككىلى ئۇيغۇر ياش خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.

5 - ئاۋغۇست قەشقەردىمۇ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شى داگاڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق يەرلىك بومبىنى قانداق ياساش، ھۇجۇمنى قانداق تەشكىللەش توغرىسىدا تەربىيىلەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خوڭكوڭدىن چىقىدىغان داگوڭ گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىدە قولغا چۈشكەن گۇماندارنىڭ بىرسى ئابدۇراخمان ئازات 33 ياشلىق كۆكتاتچىلىق قىلىدىغان تىجارەتچى، يەنە بىرسى قۇربانجان ھېمىت، 28 ياشلىق تاكسى شوپۇرى ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شى داگاڭ يەنە، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىدا تېررورلۇق خاراكتېرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: "شۇڭا بۇ ھەرىكەتنى زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا مەسىلە يوق" دېگەن.

ئەنگلىيىدە نەشر قىلىنىدىغانSkyNews ساما خەۋەرلىرى تورىدا نەقىل قىلىنىشىچە، شى داگاڭ يەنە: "بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ كۈچلەر ئولىمپىككە قارشى پسىخولوگىيىلىك ۋە زوراۋانلىق تۈسىدىكى ھۇجۇم قىلىشقىلا ئۇرۇنماقتا" دېگەن ھەمدە: "ئۇلار 2008 - يىلنى خىتاينىڭ ھازا يىلىغا ئايلاندۇرماقچى" دېگەن.

ھالبۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى نازىرى ليۇ ياۋخۇا، 5 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 4 - ئاۋغۇست قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق يىپ ئۇچى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

5 - ئاۋغۇست ئەنگلىيىدىن چىقىدىغان Times Online تايمىس گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدە: " بۇ ھۇجۇم، يەرلىك ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرىدىن خېلىلا كۆپ بولغان قەدىمى يىپەك يولىدىكى بوستانلىق قەشقەردە يۈز بەردى" دەپ يېزىلغان ھەمدە مۇخبىر قەشقەردىكى بەزى كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر بۇ ۋەقە ھەققىدىكى پىكىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: " مەن ھەم خۇشال ھەم پەرىشان بولدۇم. خۇشال بولۇشۇم، بۇ بىر باتۇرانە ھۇجۇم بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرالايدىغان جاسارىتى بارلىقىنى نامايان قىلىدۇ ." بۇ ئۇيغۇر ياش يەنە ئۆزىنىڭ پەرىشان بولۇشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىكلەر ئۇستىدىن باستۇرۇشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى قەشقەرنىڭ مۇھىم يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ ۋە دوقمۇشلارغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ قەشقەر شەھەرگە كىرىپ ‏ - چىقىۋاتقان بارلىقى ئاپتوموبىللارنى توختىتىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ئاسىيا خەۋەرلەر Asian News Agencies تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كىيىن، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئىككى نەپەر ياپونىيە مۇخبىرى، يەرلىك قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى مەزكۇر ياپون مۇخبىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.

بۇ ۋەقە ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ‏ - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جىددىي ئېتىراز بىلدۈرگەن.