" قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"دا، قەشقەر ۋىلايەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى" دىن كېيىن، 7 - ئايدىن 9 - ئايغىچە رايوندا ئېلىپ بارغان بىر يۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قۇرغان "قەشقەر ۋىلايەتلىك 5 - ئىيۇل خىزمەت گۇرۇپپىسى" ئىككى چوڭ تارماق گۇرۇپپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 11 ناھىيە ھەم قەشقەر شەھىرىدىن 1 - تارماق گۇرۇپپا تەشكىللەنگەن. " قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرى"نىڭ 7 - ئاي مەزگىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر 7 - ئاي مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە ماسلىشىپ، ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى ئاساسى قاتلاملاردىن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "6 - ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ نامايىشى"غا قاتناشقان كىشىلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بولغان.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىلەر ئىچىدە، يېڭىشەھەر، يوپۇرغا، مارالبېشى، قەشقەر شەھىرى، مەكىت، قاغىلىق ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن نامايىش قاتناشچىلىرىغا دائىر ئۇچۇرلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان. يەنى يۇقىرىقى جايلاردىن جەمئى 1500 دىن ئارتۇق ئۇچۇر يىغىلىپ، بۇ ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر سوراق قىلىنغان ھەم ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان. خىزمەت ئۇچۇرىدا پەقەت مارالبېشى،يېڭىسار،يەكەن ناھىيىسى تەۋەسىدىن قولغا ئېلىنغان ئادەملەر سانى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ 3 ناھىيىدىن قولغا ئېلىنغان ئومۇمى ئادەم سانى 1077 نەپەر دەپ بېرىلگەن. باشقا ناھىيىلەردىن قولغا ئېلىنغان ئادەملەر سانى "خىزمەت ئۇچۇرى"نىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا بار قىسمىدا بولمىغىنى ئۈچۈن بۇ يەردە ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
"قەشقەر ۋىلايەتلىك 5 - ئىيۇل خىزمەت گۇرۇپپىسى"نىڭ 2 - تارماق گۇرۇپپىسى، قەشقەر ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارە ئورگانلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسى قاتلام ئىشخانىسى، نازارەت بۆلۈمى، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى، ئەرزىيەت بۆلۈمى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسى، تەشكىلات بۆلۈمى، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار بۆلۈمى، ئىدارىلەر باشقارمىسى قاتارلىق 12 ئورگاندىن تەشكىللەنگەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى ۋەقە قاتناشچىلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش بىلەن بىللە " ھۆكۈمەت كادىرلىرى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛ مۇقىملىقنى تەكىتلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش تەشۋىقات خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىرى ھەم كادىرلاردىن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەش" قاتارلىقلار بولغان.
"قەشقەر ۋىلايەتلىك 5 - ئىيۇل خىزمەت گۇرۇپپىسى"نىڭ 8 - ئاي مەزگىلىدىكى خىزمەت دوكلاتىدا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە، قوراللىق ساقچى ئەترەتلىرىگە ماسلىشىپ، ھەر بىر مەھەللە، كەنتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇقىملىقىنى ساقلاش مەھەللە ئەترەتلىرى تەشكىللەنگەنلىكى، (مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىدە بۇ خىل مەھەللىلەردە مۇقىملىقنى ساقلاش ئەترەتلىرىدىن باشقا يەنە "ئاياللار مۇقىملىقنى ساقلاش چارلاش ئەترىتى" قۇرۇلغان)؛ رايون تەۋەسىدە "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى"گە ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى؛ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئىلگىرى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئاداۋەتنى كۈچەيتىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەردە بولغانلارنى تەكشۈرۈپ - ئېنىقلاش ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى؛ ئاساسى قاتلاملارغا چۆكۈپ، ئاممىنىڭ رايىنى سىناش، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنى يىغىش؛ مەكتەپلەرنى ھەم تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، مۇقىملىقنى تەكىتلەش تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى؛ پۇقرالارنى خۇ جىنتاۋ، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 9 - ئايلىق دوكلاتىدا ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش مەزگىلىدىكى قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى چىڭ تۇتۇلۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى بىخەتەر كۈتۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى؛ ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا دائىر ئۇچۇرلار ئىگىلىنىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالانغانلىقى؛ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىشلىق كىشىلەرنى داۋاملىق قوغلاپ تۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، "قەشقەر ۋىلايەتلىك 5 - ئىيۇل خىزمەت گۇرۇپپىسى"نىڭ بۇ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەقەدەر قاتتىقلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن ئەيىبلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، مۇقىملىقنى تەكىتلەش، نامايىش قاتناشچىلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش قاتارلىقلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەن. ھەتتا يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى ھەم ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىنتېرنېت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىققان خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قوللىنىلىدىغان جازالاش تەدبىرلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.