د ئۇ ق، خىتاينىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى ھەم ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىنتېرنېت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان، شۇنداقلا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قوللىنىلىدىغان جازالاش تەدبىرلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان يەرلىك سىياسەت ۋە نىزاملارنى تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى ھەم ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش بولۇپ، ئۇقتۇرۇش قەشقەر ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق ئىدارە -ئورگان، مەكتەپلەر ھەتتا يېزا - كەنت، ئاھالىلەر رايونلىرىغىچە تارقىتىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئىنتېرنېت ھەم تېلېفونلاردا باشقىلارغا ئۈچۈر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

"مەخسۇس تور بەتلىرى، توردىكى چايخانا قاتارلىق ئەركىن سۆھبەت مۇنبەرلىرى، ئېلخەت ئالاقىسى ھەم تېلېفون تېكست ئۇچۇرلىرىدا، دۆلەتنى پارچىلاش مەزمۇنىدىكى ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەر، ھېكايە، رومان، شېئىر، يۇمۇر، چاقچاقلارنى يوللىغۇچىلار، ياكى باشقا تور مەنبەلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار، تۈرلۈك سىمۋول خاراكتېرلىق رەسىملەرنى تور بېتىگە قويغۇچىلار، مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىكنى ئۇرغۇتۇشتا قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينايدىغان خەۋەر، ماقالە، ھۆججەتلىك فىلىم، كىنو، ئىتوت قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلغۇچىلار، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ قارالغان دىنىي ئەقىدىلەر، دىنىي تەبلىخلەرنى تارقاتقۇچىلار؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم كادىرلار ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، ئۇلارغا ئىنتېرنېتتە ھۇجۇم قىلغۇچىلار، كىشىلەرنى قانۇنسىز نامايىشقا تەشكىللەپ جېدەل چىقارغۇچىلار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ."

ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىقى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازالاش تەدبىرلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەنلىكى ھەم ۋىلايەت تەۋەسىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن:

جازالاش تەدبىرىنىڭ 1 - ماددىسىدا، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىدىكى ماقالىلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، ھۆكۈمەت تۈزگەن تارىخ كىتابلارغا زىت مەزمۇندىكى پاكىت بۇرمىلانغان تارىخى ئەسەرلەرنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغۇچىلارغا ؛ دۆلەتنى پارچىلايدىغان مەزمۇندىكى تور بەتلىرىنىڭ ياكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ تور ئۇلىنىشىنى بەرگەنلەرگە، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى تەشكىللىگۈچىلەرگە، تور ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلارغا دۆلەت قانۇنىنىڭ 103 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە 5 يىلدىن يۇقىرى، 15 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

جازالاش تەدبىرىنىڭ 2 - ماددىسىدا، ئىنتېرنېت ئارقىلىق قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى تارقاتقۇچىلار، دىنىي تەبلىخ ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغۇچىلار، مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچقۇچىلارغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 249 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، 3 يىلدىن تۆۋەن، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

جازالاش تەدبىرىنىڭ 3 - ماددىسىدا " ئىنتېرنېت ئارقىلىق قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلارنى تەشكىللىگۈچىلەر، قانۇنسىز دىنىي تەشكىلات ئادەملىرى بىلەن ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە دۆلەت قانۇنىنى بۇزغۇچىلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 300 - ماددىسى بويىچە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچى سۈپىتىدە 3 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى، 15 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ." دەپ بەلگىلەنگەن.

جازالاش تەدبىرىنىڭ 4 - ماددىسىدا، ئىنتېرنېت، قول تېلېفوندىكى تېكىست ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پلانلىغۇچىلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 295 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، 5 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

جازالاش تەدبىرىنىڭ 5 - ماددىسىدا ئۆز تور بەتلىرىدە يۇقىرىقىدەك مەزمۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يول قويغان تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قىلمىشىنىڭ يېنىكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، تور بەتلىرى تاقىلىدىغانلىقى، ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە قانۇنىي جازا بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن جازا تەدبىرلىرى پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇچۇر - ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىسپاتى ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتىكى مەزمۇنلار بويىچە كادىرلار كومپيۇتېرى بار كىشىلەرنى تىزىمغا ئېلىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۇچۇر مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنتېرنېت قامىلىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.