يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بىر پىدائىي مۇخبىرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ ۋە تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلماستىن مەزكۇر سىياسىتىنى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى پىدائىي مۇخبىرىلاردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا قەشقەردىن گۇئاڭدوڭغا ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن پويىزدا ئۇچرىشىپ قالغان. ئۇ سەپەر ئۈستىدە ئىشلەمچىلىككە ماڭغان قىزلارنى ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭغان كەنت باشلىقىنى زىيارەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ چەكلىكلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىش ئىمكانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاشماسلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان:
تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيەلەردە ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت بىردىنلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەۋجۇت. يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئائىلىسىگە قايتىشقا مەجبۇر. گەرچە قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر قىسىم زاۋۇت - كارخانىلار بولسىمۇ، تولۇقسىز مائارىپ سەۋىيىسىدە قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي تىلى بىلمەسلىك ۋە ھۈنەر - كەسپ ئۇقماسلىق سەۋەبىدىن؛ ئۆز مەھەللىسىدە قۇرۇلغان زاۋۇتقا ئىشقا كىرەلمىگەن. شۇڭا ئۇلار تىل ۋە ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلىرىغا يولغا چىققان:
بەزى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشى ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي بىر ۋەقە ئەمەس. بۇ پەقەت سىياسىي بىر ۋەزىپە. شۇڭا بەزى ئۇيغۇر قىزلىرى ئائىلىدە ئىقتىسادىي، قىيىنچىلىقى بولمىغان، بېرىشنى خالىمىغان ئەھۋالدىمۇ مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىلغان. خىتايغا ئىشلەمچىلىككە مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسەن قىز بولۇشى ۋە توي قىلمىغان بولۇشى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسىدۇر. پىدائىي مۇخبىر قىزلارنى خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كەنت باشلىقىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىغان.
كەنت باشلىقى زاۋۇت - كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەركەك ئىشچى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىش چىقىرىپ قويۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
