قەشقەر كونا شەھەرنى چېقىش پىلانى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى چېقىش پىلانى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ قالدى. سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، قەشقەردە قەدىمى مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىردى. يەرلىك خەلقلەر بولسا ئەندىشىلىك، لېكىن ئامالسىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا چېقىۋېتىشكە قەتئىي نىيەتلىك.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونىدىكى بەزى ئاھالىلار رايونلىرىنى چېقىپ، بۇ جايغا زامانىۋى بىنالارنى سېلىش، ئاھالىلارنى كۆچۈرۈش پىلانى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا جىددى ئەندىشە ۋە غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ۋە روھى بولۇپلا قالماي بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى بولغانلىقىدا شۇنداقلا بۇ مەدەنىيەتنى ياشاۋاتقان ۋە ياشىتىۋاتقان يىگانە يۇرت بولغانلىقىدا ئىدى. دائىرىلەرنىڭ قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى رەتكە سېلىش پىلانىنىڭ 1 ‏ - قەدىمى كونا شەھەردىكى ئۆستەڭ بويى ۋە ئاق ئوردا مەھەللىلىرىنى چېقىش، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى 1 ‏ - رايوندىكى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈشتۇر.

دائىرىلەر بولسا قۇرۇلۇشنىڭ قەدىمى شەھەردىكى يەر تەۋرەشكە "چىدامسىز"، "خەتەرلىك" ئۆيلەرنى يېڭىلاپ، ئاھالىلارنى يەر تەۋرەشكە قارشى "بىجىرىم" ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قەشقەر رەستىلىرىنى چېقىش پىلانىغا تەنقىدى پوزىتسىيىدىكى كىشىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىلىكىنىڭ سىرى قەشقەردىكى ئاشۇ كونا ئۆيلەرنىڭ تاملىرىغا يوشۇرۇنغان، دەپ قارايدۇ.

قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت سېپىدىكى بىر زات، بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە مەدەنىي يادىكارلىقلار قارىشىنىڭ بار - يوقلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ " بۇلتۇر نۇر بەكرى، ۋاڭ لېچۈەنلەر كەلگەندە زىيارەت قىلىپ، بۇنىڭغا چوقۇم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قىلىمىز، دېگەن. بۇدا قېتىم شۇنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىرىپتىكەن، ھەممىسى سەرەڭگىنىڭ قېپىدەك تۆت چاسا قۇرۇلۇش. مىللىي پوسۇندا قىلىمىز، دەيدۇ. پۇلى بارلار مىللىي پوسۇندا قىلار، پۇلى يوقلار قانداق قىلىدۇ ؟ ئەمما ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش راستىنلا بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. بۇ سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش. مەسىلەن، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بەزى مەدەنىي يادىكارلىقلار نەزىرىيىۋى ۋە قانۇندا قوغداش كېرەك، دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايلار شەخسىنىڭ كونتروللىقىدا. ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلارغا چۈشەنچىسى بار، دەپ تۇرايلى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانغىنى يوق" دەپ تەكىتلىدى.

قەشقەر رەستىلىرىنى چېقىش پىلانى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى بىر قەدىمى مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش پىلانى، دەپ ئەيىبلىگەن ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " مەن دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى يىگانە بىر يادىكارلىقنىڭ غايىپ بولۇۋاتقانلىقىدىن ئازاپلىنىۋاتىمەن شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ چېقىشنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا چاقرىمەن."

دائىرىلەرنىڭ ئۆستەڭ بويى ۋە ئاق ئوردا مەھەللىلىرىدىكى ئۆيلەرنى چېقىشىدا يەنە بىر سەۋەبى بار. ئۇ بولسا قەشقەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەھەر قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، پۇقرالارنى يەر تەۋرەشكە قارشى " بىجىرىم " ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇش.

ھېيتگاھ جامائەسىدىكى دىنىي خادىملارنىڭ بىرى، ئەزىز قارى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەيرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغان، دائىرىلەرنىڭ چېقىش پىلانىنى قوللايدىغان دىنىي زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، " بىز بۇنى تەرەققىيات، ناھايىتى ياخشى بولدى، دەپ قارايمىز. بىزنىڭ كۆپچىلىك ئادەملەرنىڭكى، پۇقرالارنىڭكى كۆز قارىشىدا بىز بۇنى ئاسەرى - ئەتىقە ياكى كونا قۇرۇلۇشلار ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن دېسەك، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر زىيانغا ئۇچراپ كېتىدۇ. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر تەرەققىيات دەۋرى بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك پۇقرالاردا بىز زادى بۇنىڭغا ماسلىشىمىز، دەيدىغان قاراش بار. كونا قۇرۇلۇشنى ساقلاپ قالسا يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالسا ھەممە ئادەم يەر ئاستىدا قېلىپ قالىدۇ" دەيدۇ.

ئەزىز قارى چېقىش ۋە كۆچۈرۈش ئىشلىرىنىڭ مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ، "كۆچۈش ياكى كۆچمەسلىك پۇقرالارنىڭ مەيلىدىكى ئىش،" دەيدۇ.

لېكىن قەشقەر مەدەنىيەت سېپىدىكى يۇقىرىقى زات يەرلىك ئامما ئامالسىز قالغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا دائىرىلەرنىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىيالايدىغان بىردىن - بىر چارە خەلقئارا بېسىم بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىز مەملىكەت ئىچىدە غۇلغۇلا، غەۋغا قوزغاپ ھېچ ئىش قىلالمايمىز. چەتئەل قانچىلىك ئارىلاشسا شۇنچىلىك ساقلىنىپ قالىدۇ. بولمىسا ساقلىنىپ قالمايدۇ. بۇ ئىشلار شۇنچىلىك. دېمەك بۇ بەكرەك دىققەت قوزغىشى كېرەك. بىزدە بەزى خەۋەرلەر تېلېۋىزور ياكى توردا چىقمايدۇ. بەزى خەۋەر ھەممە يەردە چەكلەگلىك.... بۇ يەردە جامائەت پىكىرى قوزغايلى دېسە بۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بېرىپ چېتىلىدۇ. ھازىر بىر ئادەم مەسىلەن، مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەي دېسەم مەن ئۆزۈمنىڭ جېنىدىن قورقىدىغان، ئادەم ھەقنى سۆزلەشتىن قورقىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى بۇ يەردە. ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىدە قورقۇنچ مەۋجۇت .... شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە مۇمكىن بار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەكرەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىيالىساق ساقلاپ قالىمىزمىكىن، دەپ ئويلايمەن."

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتتا قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىدىكى كونا قۇرۇلۇشلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنى چېقىش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى ھەققىدىكى باياناتىدا قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىدىكى كونا قۇرۇلۇشلارنى چېقىش پىلانىنىڭ ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ چېقىش ۋە كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ ئاق ئوردا ۋە ئۆستەڭ بويى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى دوكلاتتا مەزكۇر پىلانغا 3 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى، قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ئاز دېگەندە 50 مىڭ ئائىلىنىڭ كۆچۈرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.