بۇ قېتىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ بىرىدە داۋام قىلغان قىزلار مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرە، مانا بۇ قارشىلىقلاردىن بىر ئۆرنەكتۇر.. بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە چۈشكەن ئىنكاسلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا قىز يۆتكەش مەسىلىسىنىڭ ئىش بىلەن تەمىنلەش ئەمەس، ئەكسىچە، مىللىي كىملىككە قارشى پىلانلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇنازىرە مەلۇم بىر ئىنكاسچىنىڭ سوئالى بىلەن باشلانغان. ئۇ سوئالىدا، ئۆزى ياشاۋاتقان يېزىدا 100 نەپەر قىزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرمۇشى نورمال يەنى قىزلىرىنىڭ پۇل تېپىپ كېلىشىگە ئېھتىياجى بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرىمۇ بارلىقى، رەت قىلغۇچىلارنىڭ، نوپۇس ئۆچۈرۈلۈش، توي خېتى بېرىلمەسلىك، ئائىلە - تاۋاباتى خىزمەتتىن قوغلىنىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرى بىلەن تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان. بۇ ئىنكاسچى يەنە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان ئىككى قوشنىسىنى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ۋە مۇنداق سوئال قويغان: كۆپچىلىكتىن سورايدىغىنىم، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىيارى ئېلىپ بېرىلامدۇ، مەجبۇرىيمۇ؟ مەجبۇرىي بولسا، يۇقىرىقىدەك تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلاشنىڭ قانۇنىي ئاساسى نېمە؟
مەزكۇر سوئالغا تور ئەزالىرى بەس - بەستە ئىنكاس قايتۇرغان. بەزىلەر بۇنى قانۇنىي ئاساسى يوق، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خاتا ئىجراسى دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ خىل قاراشتىكىلەردىن بىرى مۇنداق يازىدۇ: مىللىي باشلىقلار كىچىككىنە ھوقۇق، مال - دۇنيا، شەخسىي راھەت ئۈچۈن مىللىتىنىڭ ئانىسى بولمىش سەبىي قىزلىرىنى زورلاپ ماڭدۇرماقچى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنى، مائاشىنى ساقلاپ قالماقچى.
يەنە بىر ئىنكاسچى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۇرۇن ھاراق ئىچمىسەڭ، خوشامەت قىلمىساڭ باشلىق بولالمايتىڭ، ئەمدىلىكتە ئىچكىرىگە قىز يۆتكەپ بەرمىسەڭ باشلىق بولالمايسەن.
يەنە بىر قىسىم ئىنكاسچىلار، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئەمگەك قانۇنىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خەلقنى قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا، ئىشچىلار ئويۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەرز سۇنۇشقا چاقىرغان. ئەمما يەنە بىر ئىنكاسچى، ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مۇستەقىل بىر ئورگان ئەمەسلىكىنى، ھۆكۈمەتكە تەۋە ئورگان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەسىلىنىڭ ئەرز قىلىش يولى بىلەن تۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر قىسىم ئىنكاسچىلار، مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى خەلقنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىرادىسىدىكى ئاجىزلىققا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. بۇ خىل قاراشتىكىلەردىن بىرى پىكرىنى شىئېر ئارقىلىق مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
دوست بولايلى دەيدۇ، ماقۇل دېسەڭ،ئەركىلەيمەن دەيدۇ ماقۇل دېسەڭ!مىنىمەن دەيدۇ، ماقۇل دېسەڭ،دەسسەيمەن دەيدۇ ماقۇل دېسەڭقېنىڭنى ئىچىمەن دەيدۇ ماقۇل دېسەڭ،يەر شارىدىن يوق قىلىمەن دەيدۇ، ماقۇل دېسەڭ!
يەنە بەزىلەر مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى يەرلىك ئەمەلدارلار ئەمەس، مەركىزىي ھۆكۈمەت دەپ كۆرسەتكەن. بۇ خىل قاراشتىكىلەردىن بىرى پىكرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەر، يۇقىرى دەرىجلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىرى ئاساسىدا ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، بۇ ئىنكاسچى بۇ پىلاننى بىلمەكچى بولغانلارنى، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئازادلىق ئارمىيە ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باش كومىسسارى جۇ كۇنرېننىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئوقۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
مەزكۇر دوكلات مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۇك غۇل - غۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلات، شىنجاڭنى باشقۇرۇشنىڭ يولى ئاسسىمىلىياتسىيە دەپ ئاشكارا كۆرسەتكەن ۋە قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئاسسىمىلىياتسىيە چارىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە بايان قىلغان ئىدى.
مۇنازىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان بىر تىجارەتچىمۇ پىكىر قاتناشتۇرغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىككە كېلىپ خارلىنشقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆپ ئۇچراتقانلىقىنى بايان قىلغان. يەنە بىر ئىنكاسچى ئاتا - ئانىلارنى، ساختا تەشۋىقاتقا ئالدانماسلىققا، ئوز پەرزەنتلىرىنى قوغداشقا چاقىرغان ۋە تارىخىي دەرسلىكلەردىن مۇنداق نەقىل كەلتۈرگەن: مىللەت ئۇرۇشتا قىرىلمايدۇ، بەلكى سۈكۈت ئىچىدە قىرىلىدۇ.
يەنە بىر ئىنكاسچى مۇنداق يازىدۇ: " مەجبۇرلاپ بېرىلگەن تاماقتا زەھەر بولۇشى مۈمكىن."
قىزلار مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈك بەزىدە شىددەتلىك قارشىلىقلار ئارقىلىق ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە. ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى نۇرگۇل تۇرغۇن ئىسىملىك بىر ئايال ئۆز سىڭلىسىنى خىتايدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان بىر نەپەر مەسئۇل كادىرغا پىچاق تىقىۋەتكەن ۋە بۇ سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
نۇرگۇل تۇرغۇن سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ قىز يۆتكەشكە چاپارمەنلىك قىلىۋاتقانلارنى ئىبرەت ئالدۇرماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئولىمپىك مەزگىلىدە ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدىكى باياناتتىمۇ، قىزلار مەسىلىسىگە قارشى مەيدان ئىپادىلەنگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، پروگراممىمىزدا، قىزلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن بىرىدە ئېلان قىلىنغان ۋە كېيىن توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بىر مۇنازىرە خاتىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.