خىتايدىكى ئەڭ چوڭ راي سىناش تور بېتى بولغان ۋىن جۇەن شىڭ ناملىق بۇ تور بەتنىڭ راي سىناش سۇپىسىدا مۇشۇ ئاينىڭ 13-كونىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قارىتا چۈشەنچە توغرىسىدا راي سىناش باشلانغان بولۇپ، ئاساسەن پېداگوگىكا كەسپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنىڭ رولى ۋە مەقسىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ۋە بۇ ھەقتە ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
ۋېن جۇەن شىڭ تور بېتىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە راي سىناش سۇپىسىدا خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن تور ئابوتلىرىنىڭ سانى ئون كۈن ئىچىدە 7000 غا يەتتى.
خىتايدىكى مەخسۇس راي سىناشنى كەسىپ قىلغان بۇ تور بەتتىن 7 مىليوندىن كۆپ كىشى، 800 يۈزدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپلەر، 13 مىڭدىن كۆپ ئىدارە، ئورگان، كارخانىلار پايدىلىنىدىكەن شۇنداقلا ھەر قانداق شەخس ياكى كوللېكتىپ ۋە ياكى ئورگانلار بۇ تور بەتكە مەلۇم نۇقتىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلسا بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى تونۇش توغرىسىدا 13-مايدىن باشلاپ ئېچىلغان راي سىناش سۇپىسىنىڭ كىم ياكى قايسى ئورگان تەرىپىدىن ئىلتىماس قىلىنغانلىقى مەخپىي تۇتۇلغان. ھازىرچە پەقەت خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر راي سىناش تور بېتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ راي سىناش نەتىجىسىنىڭ ھەر قايسى پېداگوگىكا تەربىيىلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
راي سىناشقا «قوش تىللىق مائارىپنىڭ ماھىيىتى نېمە؟»، «قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىتىگە قانداق قارايسىز»، «قوش تىللىق مائارىپ قايسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ»، «بالىلارغا قانچە ياشتىن باشلاپ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؟» دېگەندەك جەمئىي 16 سوئال قويۇلغان بولۇپ. گەرچە بۇ راي سىناش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان يەنى خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە بولسىمۇ، پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاراتمىلىققا ئىگە مەخسۇس بىر سوئال كىرگۈزۈلگەن. يەنى كۆپ خىل جاۋاب تاللاش سوئالىنىڭ بىرى «بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ قايسىسى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دېگەن سوئالغا،
- ئىجتىمائىي پەننى ئانا تىلىدا، باشقا تەبىئىي پەن دەرسلىرىنى خىتايچە ئوقۇتۇش.
- تۆۋەن يىللىقتا ئانا تىلىدا، يۇقىرى يىللىقتا خىتايچە ئوقۇتۇش.
- تىل ئەدەبىيات دەرستىن باشقا ھەممە دەرسنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش.
- خىتاي تىلى دەرسىدىن باشقا ھەممىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش.
دېگەن جاۋابلاردىن بىرنى تاللاش كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىتى دېگەن سوئالىغا بېرىلگەن تاللا جاۋابلار ئىچىدە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» دېگەن جاۋابمۇ كىرگۈزۈلگەن.
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ راي سىناش تورىدا قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە بۇنداق ئاشكارا بىر راي سىناشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە مەخسۇس قاراتمىلىق سوئال-جاۋابلارنىڭ قويۇلۇشى شۇنداقلا راي سىناش ئورنىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ھەم سىرتىدا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق كۈچەيگەن بۇنداق بىر پەيتتە، بۇ خىل راي سىناشنىڭ مەيدانغا كېلىشى بەزى شۈبھىلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى.
خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي مەمەت توختى بۇ راي سىناشنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدۇ.
دەرۋەقە ئىستانسىمىزغا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ بۇ راي سىناشنى پەقەت خىتاي تىلىدىلا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ راي سىناش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، يۈرگۈزۈلۈش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغاندا ۋە راي سىناش نەتىجىگە قاراپ سىياسەت يۈرگۈزگەندە ئاندىن ئۆزىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تاپقان بولاتتى دەپ قارىماقتا.
