3 ياشلىق قۇتلۇقجاننىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى

چەتئەلدىن تۇغقان يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە بايان قىلىپ بېرىشىچە، 7 - ئىيۇل كۈنىدىكى خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا خىتايلار تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

0:00 / 0:00

زوراۋان خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بۇ 3 ياشلىق نارەسىدە بالىنىڭ ئىسمى قۇتلۇقجان بولۇپ، ۋەقە كۈنى كىچىك قۇتلۇق دادىسى بىلەن "يوۋيۈنسى" دەپ ئاتالغان ماي توشۇش شىركىتى رايونىدا كېتىۋاتقاندا ئارقىدىن كەلگەن بىر توپ خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

قوللىرىدا قىڭراق - پىچاق، توقماق كۆتۈرۈۋالغان بۇ خىتايلار ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ باشلىرىغا راسا ئۇرۇپ، چاناشقا باشلىغان. بالىنىڭ دادىسىمۇ تاياق زەربىسىدىن بالىسىنى قوغداپ قېلىشقا ئامال قىلالمىغان. زوراۋان خىتايلار 3 ياشقا كىرگەن بۇ نارەسىدىنىڭ قوللىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى چانىغان. مانا مۇشۇنداق بىر پەيىتتە ۋەقەنى كۆرگەن بىر توپ ئۇيغۇرلار يۈگۈرۈپ كېلىپ خىتايلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى قۇتۇلۇپ قالغان. ئەمما 3 ياشلىق قۇتلۇق بولسا بويۇن ۋە بىلىكىدىكى پالتا زەربىسىدىن بەختكە قارشى جان ئۈزگەن.

ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتقان بۇ كىشىنىڭ بىزگە بايان قىلىپ بېرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بالىنىڭ دادىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بالىنىڭ قاتىلىنى چوقۇم تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە قاتىللار تېخى قولغا ئېلىنمىغان. قۇتلۇقجاننىڭ جەسىتىنى دادىسى قول تېلېفون ئارقىلىق رەسىمگە تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى قۇتلۇقجاننىڭ دادىسى بىزگە خەۋەر يەتكۈزگەن مەزكۇر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا بەرگەن ئىكەن.

بۇ كىشى 7 - ئىيۇل كۈنى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ، ئەمما خىتاينىڭ بۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئاشكارىلىمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

5 - ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىش ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا . نۇرغۇن كىشىلەر تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قولى بىلەن خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇنى نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى دېيىشمەكتە.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان مەلۇم بىر قوراللىق ساقچىنىڭ مەزكۇر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزغا ئېيتىپ بەرگەنلىرىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. بۇ ساقچىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىشىچە، ئۇ كۈنى ساقچى دائىرىلىرى نامايىش بولىدىغانلىقىدىن ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقە كۈنى ئۇيغۇر ساقچىلارغا پۇقراچە كىيىنىپ، نامايىشچىلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ خىتايلارنى ئۇرۇپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنى بۇيرۇق قىلغان ئىكەن.

بۇ ساقچىنىڭ ئۇ كىشىگە بايان قىلىپ بېرىشىچە، كەچتە ئۈرۈمچىنىڭ "چاڭلېيۇئەن" دەپ ئاتىلىدىغان رايوندىكى توكلار پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ، كۆمۈۋېتىلگەن ۋە ئەتراپ پۈتۈنلەي تۈزلىنىپ ھېچقانداق ئىز قالدۇرۇلمىغان.

يۇقىرىقى بايانلار چەتئەلدە ياشايدىغان، ئەمما ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ۋە تۇرىۋاتقان دۆلىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئىيۇل ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 5 - ۋە 7 - ئىيۇلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە بىۋاسىتە ئاڭلىغانلىرى ھەم ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.