خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەقەدە ئىز دېرەكسىز يوقالغانلارغا دائىر مەلۇماتىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن رايوندىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر خىتاينىڭ مەلۇماتىغا سۇئال ئىشارەتلىرىنى تۇغدۇرىۋاتىدۇ.
5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان قىزىق تېمىلارنىڭ يەنە بىرى بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە خىتايلار تەمىنلىگەن ئۇچۇر بىلەن ئۇيغۇرلار ئېلان قىلغان ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ سانىغا دائىر مەلۇماتلاردىكى پەرقنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 1800 گە يېتىدىغانلىقىنى، 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى توكيودا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەقەدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىش سەپىرى ئۈستىدىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۇقىرىقى باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى رەت قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى سىرتقى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خۇ خەنمېي، بۇ ساننى "پۈتۈنلەي ئۇيدۇرما" دېگەن.
ئۇ خىتاينىڭ "يەر شارى ۋاقتى"گېزىتى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بىرىنچى، 10" مىڭ ئادەمنى تۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك تۈرمە ۋە كامىر ھازىرلىغان بولۇشىمىز كېرەك؟". ئىككىنچى، رابىيە قادىرنىڭ "بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتى يوق". ئۈچىنچى، "ئەگەر 10 مىڭ ئادەم تۇتۇلغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ساقچىنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك"، "پۈتۈن شەھەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟"
لېكىن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بولسا، خۇ خەنمېينىڭ رىتورىك خىتابىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئىز - دېرەكسىز يوقالغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىغا يۆتكىگەن.
10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىغا دائىر بۇ خەۋەرگە شۇ كۈنكى خەلقئارا چوڭ مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. رابىيە خانىم 10"مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر نامايىشچى ئۈرۈمچىدىن بىر كېچىدە غايىپ بولدى. ئەگەر ئۇلار ئۆلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ جەسىتى قېنى ؟ ئۇلار قولغا ئېلىنغان بولسا قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟" دېگەن ئىدى.
ب د ت باش كاتىپى بان كى - مۇن تۈنۈگۇن نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ، خىتاي ۋە موڭغۇلىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، 10 مىڭ ئۇيغۇرغا دائىر ئۇچۇرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چىقىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ "خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن مەن، سىز دېگەن 10 مىڭ كىشى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈپ چىقمىدىم. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى تەپسىلى ئۇچۇرنى كۆرۈپ چىقىشىم كېرەك. مەندە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. قىسقىسى مەن يېقىندا خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلۈش ۋە زوراۋانلىقتىن چوڭقۇر قايغۇردۇم" دېگەن.
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قۇتلۇق ئەپەندى بۇ ۋەقەنىڭ ياپونىيىدە زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى، ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن بىئارام بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرىگە ۋىزا بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەي ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى "خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزۈدۇ " دېگەن ئىدى.
بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ داۋېي ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى يۇجى مىياموتونى چاقىرتىپ، رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى پائالىيىتىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى كوزۇ كوداما رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، رابىيە خانىمغا ياپونىيە قانۇنىغا ئاساسەن ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەت ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىم 3 كۈنلۈك ياپونىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتقان ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى توكيودىكى بىر ئاممىۋى يىغىندا ياپونىيىلىك قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى جۈمە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ياپونىيىدىكى ئاممىۋى نۇتۇقىنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىغا قايتقان. لېكىن توكيودىكى تىڭشىغۇچىلارغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىنئالغۇ نۇتۇقى قويۇپ بېرىلگەن.