رابىيە قادىر خانىم نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 21 ‏ - ئىيۇل كۈنى، نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 " ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا مەتبۇئات مۇخبىرلىرى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ، 1000 غا يقېىن كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە، نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 " ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى" دېگەن تېمىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىم مەزكۈر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" بىلەن "4 ‏ - ئىيۇل تىيەنئەنمىن ۋەقەسى" دە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋە خىتاي ياشلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تىنچلىق نامايىشىنىڭ "زوراۋانلىق ھەرىكىتى " دېگەن قالپاق بىلەن قوراللىق باستۇرۇلۇپ، بىگۇناھ خەلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئىلگىرى خىتايلار تەرىپىدىن گۈزەل، ئاق كۆڭۈل، ناخشا ‏ - ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، بۈگۈن ئوغرى - يانچۇقچى، زوراۋان، تېررورچى، بۆلگۈنچى دېگەن بۆھتانلار بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي كوممۇنست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېررور باستۇرمىچىلىقى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، بۈگۈنكىدەك قانلىق ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۆزىنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ بىگۇناھ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېقىندىن بۇيان دېھقان ۋە پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى پات ‏ - پات كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا يول قويغان خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ۋە تىبەتتە يۈز بەرگەن تىنچلىق نامايىشلىرىنى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دەپ قارىلاپ، قوراللىق باستۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېدى" : مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن، مەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن، ئەمما خىتاي ھاكىميىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا، بولۇپمۇ مەتبۇئات، گېزىت ‏ - ژۇرنال، تېلېۋىزورلاردا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىگە بىلدۈرۈۋاتقان مىھىر - شەپقەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان، ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۇنداق ساختىپەزلىك قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاي دېموكراتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىشتىراك قىلغان مەزكۈر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يىغىنغا قاتناشقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭ جيەنلى ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يىغىندا ئېيتقان سۆزلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مائارىپ ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي رولىنىڭ يوقلۇقىنى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالماي، ئىشسىز يۇرۇيدىغانلىقىنى، پىلانلىق تۇغۇت سىاسىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيىتىنىڭ تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ 3 پەرزەنتلىك بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرلارنىڭ، خىتاينىڭ " 5‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ئاستىدا يۈز بەردى دېگەن تەشۋىقاتىغا قارىتا سورىغان سوئالىغا ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ، "ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى" دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىنى ئەمما 5 " ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىگە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشنى تەشەببۈس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، " بۇ قېتىمقى ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مەن ۋە تەشكىلاتىمىزغا قارا چاپلاپ، مەسئۇلىيەتنى بىزگە ئارتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنى خالىسا، ۋاڭ لېچۈەننى جازالاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشى كېرەك" دېگەن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.