خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا رابىيە سودا سارىيىنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ مۇشۇ مىنۇتلاردا مەزكۇر سودا ساراينىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ.
گەرچە بىر ھەپتە ئىلگىرىلا، چەتئەللەرگە چىققان بەزى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنلا، رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان بارلىق تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئۇچۇر ھەققىدە ئۈرۈمچىدىن دەلىللىك مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان ئىدۇق.
26 - ئاۋغۇست، رابىيە قادىر سودا سارىيى يېنىدىكى نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا تېخنىكىلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلىغان تېلىفونىمىزدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ دەسلەپ شەخسى ئىگىلىك تىكلىگۈچى نامىدا قۇرۇلغان، ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ماددى ھەم مەنىۋى روللارنى ئېلىپ كەلگەن سىمۋوللۇق خاراكتېرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي سودا سارىيى بولغان رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش تەييارلىقىنى بىر ئاي ئىلگىرىلا باشلىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ساقچىنىڭ بايانىغا قارىغاندا رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىشقا مەسئۇل دائىرىلەر رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان تەڭگە تاغ مېھمانخانىسىدا بولۇپ، تەڭگە تاغ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.
دېمەك ھۆكۈمەت تارماقلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا رەسمىي ئىش باشلىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان.
يەتتە قەۋەتلىك رابىيە قادىر سودا سارىيى بىناسى 1990 - يىلى تىجارەت باشلاپ، ئۇزاق يىللاردىن كېيىن قايتا جانلانغان ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكىنىڭ ئابىدىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شۇنداقلا، 20 يىلغا يېقىن مۇساپىسىدە، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايناق ھايات كەيپىياتى، ساپ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغان ئۆزگىچە بىر بازار سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ مەركەزلىك توپلىنىدىغان ئورنى بولۇپ كەلگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىر ئاي ئىلگىرى، رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەرگە كۆچۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. رابىيە قادىر سودا سارىيىدا بەش يۈزدىن ئارتۇق رەسمىي دۇكان ھەمدە يايمىچىلار ئۈچۈن يۈزدىن ئارتۇق ئورۇن بولۇپ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر ھەم ئۇششاق تىجارەتچىلەر مەزكۇر سودا سارايدىكى تىجارىتىگە تايىنىپ، ئائىلىسى ھەم ئۆزىنى قامداپ كەلگەن.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەرنى مەزكۇر سودا ساراينىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە جايلاشقان خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ 6 يىلدىن بېرى سېتىلماي قۇرۇق تۇرغان جىن خې بىناسىغا كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى دۇكاندارلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ ھەر بىر كۋادراتمېتىرىغا 15 مىڭ يۈەندىن بەرمەكچى بولغان ھەمدە بۇنىڭغا رازى بولمىغانلارغا ھېچنېمە بېرىلمەيدۇ دەپ بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە بۇ دۇكانلارنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى ھەر بىر كۋادراتمېتىرىغا 80 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەيلا سودىگەرلەرنى رابىيە قادىر سودا سارىيىدىن كۆچۈشكە قىستىشى شۇنداقلا مۇۋاپىق ھەقمۇ بېرىلمەي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى سودىگەرلەردە كۈچلۈك نارازىلىق كەيپىياتى قوزغىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچى دەپ كۆرسەتكەندىن باشلاپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا يەنىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان، ھەتتا رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىشتىن باشقا، ئەقىدە سودا سارىيى ھەمدە رابىيە قادىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىمۇ بىرلىكتە تۈزلىمەكچى بولغان، نۆۈۋەتتە رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئۆيلىرىدىن كۆچۈشكە بۇيرۇلغان.
رابىيە سودا سارىيىنىڭ چېقىلىشى مەزكۇر سودا ساراينى بىنا قىلغۇچى، ھەقىقىي ئىگىدارى بولغان رابىيە قادىر ئۈچۈن رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھالبۇكى خىتاينىڭ تۈرلۈك روھىي ھەم ئىقتىسادىي، سىياسىي بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، قابىلىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچى رابىيە قادىر خانىم سودا ساراينىڭ چېقىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا، يەنىلا سارايدىكى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق سودىگەرنىڭ يىللاردىن جۇغلىغان ئىقتىسادى، بۇ جايدا ياراتقان ئىگىلىكى ھەم ھاياتى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى ئۆزىنى ئەڭ بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى سودىگەرلەر، "نۆۋەتتە رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر ھەم دۇكاندارلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر مەسىلىدە يەنىلا ئادىل بولماي پەقەت بېسىم سىياسىتى ئارقىلىقلا سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەتىگە يەنىمۇ ئېغىر زىيانلار سېلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش يەنە بىر قېتىملىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،" دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.