رابىيە خانىم ياپونىيىدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە بەرمەكچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ2 - كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا "يىپەك يولىدىكى ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى" تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى ئىكەن.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ساھىبخانلىق قىلىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونچە نەشىر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىمۇ چاقىرىدىكەن.

بۇ پىلانىنىڭ مەسئۇلى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.