رابىيە خانىم شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يېڭى زېلاندىيىدىكى يەرلىك مىللەت - مورى زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە رابىيە خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. مورى زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە خانىم دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، مورى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەزكۇر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلغان ھەم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمۇ ماجىرالىق باشلانغان بولۇپ، ئوكلاند ئۇنىۋېرسىتېتى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قارارىنى ئۆزگەرتىپ، رابىيە خانىمنىڭ ئوقۇغۇچىلار مەيدانىدا نۇتۇق سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىكار قىلغان ۋە بۇنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندۈرگەن. رابىيە خانىمنىڭ يېڭى زېلاندىيە زىيارىتى يېڭى زېلاندىيىدىكى بېيجىڭپەرەس خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يۇقىرىقى قارارى بىر قىسىم مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىدىن بىرىنىڭ مەسئۇلى Darcy Peacock خانىم سۆز قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئەسلىدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىكار قىلىشنىڭ ئورنىغا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، مەكتەپنىڭ بۇ ئىشتا خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەكتەپنىڭ قانۇن پاكۇلتىتىنىڭ پروفېسىسورى Dawid Williams مەكتەپنىڭ مەزكۇر قارارىغا قارشى چىققان، قانۇن پاكۇلتىتىنىڭ بىر تىياتىرخانىسىنى رابىيە خانىمنىڭ نۇتقى ئۈچۈن ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ھوقۇقى بار، بىز ئۇلارغا پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك."
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىر قىسىم بېيجىڭ تەرەپدارى خىتايلار نارازىلىق نامايىشى ئۈچۈن ئوكلاند ئايرودرومىغا 90 مىنۇت كېچىكىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چاغدا، رابىيە خانىم ئايرودرومدىكى مەسئۇل خادىملارنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن چېگرادىن كىرىش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغان ھەم كۈتۈۋالغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىدە مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغان.
رابىيە خانىم پائالىيەتلىرى داۋامىدا، مەسئۇل خادىملارغا، خىتايلارنىڭ ئۆزىگە قارشى نامايىشىنى توسماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان ۋە " خىتايلار تېنچلىق بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكى " نى بىلىپ قالسۇن دەپ ئەسكەرتكەن. رابىيە خانىم بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى 5 - ئىيۇل نامايىشىنىڭ ھەققانىي بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن.
رابىيە خانىم، دۈشەنبە كۈنى كەچتە، ئوكلاند شەھىرىدىكى تەيۋەنلىكلەر جەمئىيىتى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. يىغىندىكى تەيۋەنلىكلەر، ما يىڭجۇ ھۈكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىك قارارىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەگەر رابىيە خانىم بۇ ھەقتە داۋا ئاچسا، داۋا چىقىمى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.