خىتاينىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۆي ئاختۇرۇشلىرىدا 55 ياشلىق ئانا رابىيگۈل ياسىنغا ئوق تەككەن

ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇلدىن كېيىن داۋام قىلغان تۇتۇش ۋە ئۆي ئاختۇرۇشلار جەريانىدا ئېچىنىشلىق قانلىق ۋەقەلەردىن بىرى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى 64-قورۇدا يۈز بەرگەن.

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 13‏-كۈنى كېچىدە مەزكۇر قورۇغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتاي ساقچىلىرى قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق 18 ئائىلىدىن 20 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان، بۇ جەرياندا 55 ياشلىق ئانا رابىيگۈلگە ۋە ئۇرايىمجان ئىسىملىك يەنە كىشىگە ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان. يارىدار ھالەتتە 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان رابىيگۈل ياسىن ساقچىلار تەرىپىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېخىچىلا ئەسلىگە كەلمىگەن.

خىتاي ساقچىلىرى شۇ كۈنى كېچە سائەت 1 دە مەزكۇر قورۇنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسىنى تېپىپ يىقىتقان ھالدا بېسىپ كىرگەن. شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كالتەك-چوماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، قورۇدا پەيدا بولغان خىتايچە ئاۋازلار ئائىلىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان.

ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ھەمدە دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشلۇق رابىيگۈل ياسىن ئەندىشە ئىچىدە ئۆزىنى دېرىزىدىن سىرتقا ئاتقان ۋە قورۇنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى بىر ئەخلەت توشۇيدىغان ھارۋىنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالغان. رابىيگۈلنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن خىتاي ساقچىلىرى ئارقا ھويلىدا مۆكۈنۈپ ياتقان رابىيگۈل ياسىنغا بەش مېتىر ئارىلىقتىن ئارقا-ئارقىدىن 5 پاي ئوق ئاتقان. بىر پاي ئوق رابىيگۈلنىڭ پۇتىغا تەككەن. قان ئىچىدە ياتقان رابىيگۈل ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىنلا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ۋە ئۇنى مىچۈەندىكى تۈرمە قارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

خىتاي ساقچىلىرى شۇ كۈنى يەنە رابىيگۈلنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە شۇ قورۇدىكى باشقا ئائىلىلەردىن جەمئىي 20 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. رابىيگۈل دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن 24 سائەت نازارەت قىلىنىپ سوراققا تارتىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋالىتىلغان. مەزكۇر دوختۇرخانىدا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان رابىيگۈل 10 كۈن كەم 4 ئاي توشقاندا قويۇۋېتىلگەن. رابىيگۈلنىڭ بىر ئوغلى تۇتۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن؛ يەنە بىر ئوغلىنى رابىيگۈل ئۆزى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىغا پارا بېرىش يولى بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.

رابىيگۈل تۈرمە دوختۇرخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمىگەن، ئۇ ھاسا تاياقتىمۇ زورلىنىپ ماڭىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئىشلەش ئىقتىدارىدىن تامامەن ئايرىلغان. خىتاي ساقچىلىرى رابىيگۈلنى خاتا ھالدا ئاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئەپۇمۇ سورىمىغان، ئۇنىڭ بىر قىسىم داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۆلەممۇ بەرمىگەن.