تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەنقەرەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى تۈركىيە ۋەقىپلەر بانكىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيىگە كېلىپ، ئەنقەرەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. ئاتاقۇلە رەسىم كۆرگەزمەخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈرك رەسساملار، ئەنقەرەلىك ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.03
Ressam-ahmet-ahat-ankarada-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﻪﺧﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى 26 پارچە رەسىمنى بۇ كۆرگەزمىگە قويغان بولۇپ، بۇ رەسىملەردە تاشلارغا ئويۇلغان سىمۋوللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى 1954 - يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1974 - يىلى ئالمائاتا ئاباي پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. 1995 - يىلى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن "ئاسىيا ئارت" كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇ 1993 - يىلى ئەنقەرەدە، 1996 - يىلى ئىتالىيىدە، 2008 - يىلى ۋاشىنگتون بىلەن ئۈرۈمچىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان.

بۇ كۆرگەزمە 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى زىيارىتىمزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.