بەششار ئەسەدنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمۇ موسكۋا ۋە ئىران قاتارلىق ھىمايىچىلىرىنىڭ يوليورۇقى بىلەن بولماقتا. ئەمما ئەسەدنىڭ بۇ تەكلىپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى3 - ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا يازغۇچى ئەلى ئىبراھىمنىڭ قەلىمى بىلەن «موسكۋانىڭ ئەسەدكە نەسىھىتى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:"موسكۋانىڭ تۈركىيىدە چاقىرىلغان يىغىننىڭ نەتىجىسىدىن بىئارام بولغانلىقى ئېنىق. ئەمما رۇسىيە ھازىر سۈرىيە ھاكىمىيىتى قوللاشتا باشقىچە يول تۇتۇشنى تاللىغان. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفنىڭ سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى ئالدى بىلەن سۈرىيە شەھەرلىرىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلاشقا چاقىرىشى بۇنىڭ مىسالى. بۇ يېڭىلىقلار بىر ھەپتىدىن بېرى سىياسىي دراممىلاردىن كېيىن كەلدى. ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاقىت قازىنىش ئۈچۈن ھەممىگە ماقۇل دەيدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بەششار ئەل ئەسەدنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقى ياكى قىلمىغانلىقىنىڭ چوڭ پەرقى يوق. چۈنكى ئۇ ئىجرا قىلمايدىغان ئىشلارغا ماقۇل دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان.
موسكۋا كوفى ئانناننىڭ تەكلىپىنى توغرا تاپماقتا.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: رۇسىيىنىڭ ھازىرقى مەۋقەسى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋە كوفى ئانناننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش تەرەپدارى بولماقتا. چۈنكى رۇسىيىنىڭ ئەسەدنىڭ سىياسىتى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن. رۇسىيىگە قارىتىلغان خەلقئارالىق تەنقىدلەر ئاخىر رۇسىيىنى سۈرىيىدىن سوۋۇتقان بولىشى ئېھتىمال. ئەمدى ئەسەد راستىنلا ئەسكەر چېكىندۈرەمدۇ؟ دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. ۋەزىيەت شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئەسەد سۈرىيە شەھەرلىرىدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدۇ ۋە چېكىندۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىلانىدا مەسىلىنى كۈچ بىلەن ھەل قىلىش بىرلا تاللاش يولى بولۇپ قالغان. سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر ئەگەر ئەسەدنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇرۇشنى توختاتسا، ئۇلارمۇ دەرھال ئوق چىقىرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىرقى كىرزىس پەقەت ئەسەد تەرەپدارلىرىدا بولاۋاتىدۇ. چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆزىنى شۇنداق بىر چوڭقۇرغا پاتۇرغانكى ئۇنىڭدىن سالامەت چىقىشىغا كۆزى ئىلمايدۇ. شۇڭا تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىپ ئۆكتىچىلەردىن ئىنتىقام ئالماقتا. زادى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئۈمىدلىرىنىڭ ھەممىسى سۇغا چىلاشقان. بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى يىغىندا سۈرىيىدە قۇرۇلغان مىللى كومىتېتنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسەدچىلەرنىڭ ئىنتىقامدىن باشقىسىنى ئويلاشقا ئەقلى يەتمەيۋاتىدۇ.
