مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى مەملىكەتلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ رۇسىيىدىكى سانى ئانچە كۆپ ئەمەس. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما، بۇ ساننىڭ تولۇق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى موسكۋا، سانكتپېتېربۇرگ ۋە باشقا بىر قىسىم شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر ئىككى شەھەردە ئۇيغۇرلار بىراز كۆپ جايلاشقان.
بۇ، ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن مىراسلىرى ساقلىنىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق ئەرمىتاج مۇزېيى جايلاشقان، رۇسىيىنىڭ سابىق كونا پايتەختى ھېسابلانغان سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئازغىنا ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر شەھەرنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قەدىرلەشنى مەقسەت قىلىپ، بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ھەمراجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتكە 40 تىن ئارتۇق ئادەم كەلگەن.

ئانا تىل ماكاندىن ئايرىلغىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان ھەمراجان ئەپەندى ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە ئانا تىلىنى قەدىرلەشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلگەن زىيالىي.ئۇ، قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ، 15 يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان ھەمدە ئۇنىڭ سانكتپېتېربۇرگدا ياشاۋاتقانلىقىغا 28 يىل بولغان.
ھەمراجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا رۇسلارنىڭ ئارىسىدا ياشاپ، ئانا تىلنى سۆزلەش ۋە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆز ئانا تىلى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تىلىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىق قارارىغا كېلىپ، ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ، ئۇنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان، سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھاياتىدا پەقەت ئۆزىلا ئانا تىلىنى ئۆگىنىپ قالماستىن يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا ئىنتېرنېت تور بېتى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، قەھرىمان شەخسلىرى، مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش سەھىپىسى ئېچىپ، رۇسىيە باشقا جايلاردىكى ئانا تىلى ماكانىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىشقا تىرىشقان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ئۇ، قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن قايتا ئۇچرىشىشى رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلىنى كۈچەيتىش، موسكۋادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىستىكىنى ئاشۇرغان.
ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار رۇسىيىدە تېخىمۇ بەكرەك تونۇلۇشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەمراجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ رۇس دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا دائىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشنى ئادەت قىلغان ھەمدە ئۇلارغا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ سانى سانكتپېتېربۇرگدا قارىغاندا، موسكۋادا خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم. موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىمۇ ئىلگىرى بۇ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ شەھەردە مەلۇم ساندا ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھەربىي - سىياسى ۋە سەنئەت ئەربابلىرى ھەمدە تېخنىكا خادىملىرى بار. 2007 - يىلى، موسكۋادا ۋاپات بولغان ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروف ئەنە شۇلارنىڭ سىمۋولىدۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.