ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 3000 ئەتراپىدا سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى يىغىۋېلىنىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئەمما سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بىرقانچە 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ مەسىلە مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەجبۇرىي تاقىۋەتكەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى ھەم ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇراجىئەتنامىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تورىدا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس سەھىپە ئېچىلغان.

بۇ سەھىپىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان، يانچۇقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان سەرگەردان بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى يېزىلاردىكى نامرات دېھقانلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، بۇ بالىلار تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ، ئۈرۈمچى ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ياكى ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

نۇرمەمەت ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە سەرگەردان بالىلار دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى 90-يىللاردىن كېيىن، ئۆز يۇرتلىرىدا ياشاش ئىمكانىيىتى بولمىغىنى ئۈچۈن، تىرىكچىلىك ئېھتىياجى ھەم باشقا سەۋەبلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىپ، سەرسانلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرمەمەت ئەپەندى ئۆز بايانىدا سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇشىغا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە خارلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسى ھەققىدە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش ئېلىپ بېرىلمىغان ئىدى.

ئەمما 19-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان پايتەخت سەھەر گېزىتىدە بېرىلگەن بىر خەۋەردە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 3000 ئەتراپىدا سەرگەردان بالىلار يىغىۋېلىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىلى 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 15 يەردە سەرگەردان بالىلار تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 21-مارت كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تەربىيىلەشنى چاقىرىق قىلغان. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشكىللىگەن ئۆمەكنىڭ 23-ئاپرېلدىن 1-مايغا قەدەر، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بۇ ھەقتە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ كۆرۈنۈشتە سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارغا تىرىكچىلىك يولى تېپىپ بېرىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىنىڭ خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر ياش -ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەردە بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق كۈچى بىلەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان شارائىتتا، خىتاينى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ خىتايدا يامراپ كېتىشى ئىكەن. ھالبۇكى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسى ھەم خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ خىتايدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش مەسىلىلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سىرتتىن كەلگەن، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى بىرقەدەر قىيىن بولغان كۆچمە نوپۇسلار ئىكەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى دەپ ئاتالغان بۇ ياش-ئۆسمۈرلەر توپىنى «سەرگەردان بالىلارنى تەربىيىلەش»نامىدا يىغىۋېلىشى، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولماقتا ئىكەن.