رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ شاۋگۇەن-ئۈرۈمچى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكەن بولغاچقا، چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچ مەلۇمات ئالالمايۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغاچقا ئۇلاردىن ئەنسىرىمەكتە.

0:00 / 0:00

چەتئەلدىكى خىتاي ئەلچىلىكلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە س د پىلاستىنكىلارنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسۇللىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پىلاستىنكىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئويدۇرما ياكى بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن بىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رادىئومىزنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈئەن شەھرىدە ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئىگىلىگەن يېڭى مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.