تارىختىكى بۈگۈن - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنى

1933 - ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12 - نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

12 - نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە.

تارىختىكى بۈگۈن سەھىپىمىز بويىچە 20 - ئەسىرنىڭ 30 - ۋە 40 - يىللىرىدا ئىلگىرى كېيىن قەشقەر ۋە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.