شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باشلىقلىقىغا ھامۇت گۆكتۈرك سايلاندى

1986 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن قۇرغان، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن 20 نەچچە يىل باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باشلىقلىقىغا ھامۇت گۆكتۈرك سايلاندى.

0:00 / 0:00

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋەقىپنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ۋەقىپنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئابدۇلخەمىت ئاۋشار، باش كاتىپلىققا ئابدۇللاھ قاراقاش، مالىيە ئىشلار مۇدىرلىقىغا مەمەت ئەيسا ئارتۇش ئەپەندى سايلانغان. بۇ سايلام شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ۋەقىپنىڭ 11 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سايلام ھەققىدە ھامۇت گۆكتۈرك ۋە ئالىم قارلۇق ئەپەندىلەر مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.