تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى
[ alimcaninayet.comOpens in new window ]
ماۋزۇلۇق تور بېتىدە، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە نەشىر قىلدۇرغان ئەسەرلىرىنى، ماقالىلىرىنى، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزلىرىنى، تېلېۋىزىيە ۋە رادىئولارغا بەرگەن باياناتلىرىنى قويغان.
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت: "ئۇيغۇرلار شېڭ شىسەي ئۈستىدىن داۋا ئېچىشى كېرەك، 120 مىڭ بىگۇنا ئۇيغۇر ئۇنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن."
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تور بېتى تۈرك تىلىدا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدىكى بەزى ماقالىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
ئۇ تەيۋەن سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە تەيۋەن كۈتۈپخانىلىرىدىن تاپقان ئارخىپلارغا ۋە تەيۋەندە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، 1933 - 1944 - يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈم سۈرگەن شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە، 120 مىڭ ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاران 895 كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى يازغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنىمۇ ئېلان قىلغان.
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە شېڭ شىسەينىڭ ئەينى زاماندا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر كادىرى ئىكەنلىكىنى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يۈزمىڭلارچە بىگۇناھ ئىنساننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، يېقىنى ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھازىرمۇ ھاياتتا ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە شېڭ شىسەي ھەققىدە داۋا ئاچسا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تور بېتىدىكى "شېڭ شىسەي ھەققىدە داۋا" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن شېڭ شىسەي قىلغان بۇ جىنايەتلەرنىڭ تەيۋەنلىك تارىخچى جىياڭ داجۈن يازغان "شەرقىي تۈركىستاندا بوران چاپقۇنلۇق 70 يىل" ماۋزۇلۇق كىتابىدىمۇ پاكىتلار بىلەن يېزىلغانلىقىنى يازغان.
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تور بېتىدە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنىمۇ ئېلان قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.