شىۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

9 - چىسىلا چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامىنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. نامايىشقا ئۇيغۇرلار ، تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، ئۆزبېكلەر ، موڭغۇللار بولۇپ 500 يېقىن كىشى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

پارلامىنت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش نامايىش قاتناشچىلىرىنىڭ "خىتاي تېررورچىلىرى، خىتاي فاشىستلىرى، خىتاي جاللاتلرى ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغىن قىلىشنى توختات" دېگەن شۇئارلار ۋە نارسىدە بالىلار، ياش قىز ، ئوغۇللارنىڭ يىغا - زارىسى بىلەن باشلاندى.

نامايىشچىلار قوللىرىغا ھەر خىل شۇئار تاختىلىرى ۋە قىرغىندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ چوڭايتىلغان رەسىملىرىنى كۆتىرىۋالغان ئىدى، چەكسىز غەزەپ ۋە يىغا زارىگە تولغان بۇ كۆرۈنۈشلەر يولدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىدى. نامايىش جەريانىدا خىتاي بايرىقى نامايىشچىلار تەرپىدىن دەسسەپ - چەيلىنىپ ، ئارقىدىن كۆيدۈرۈۋىتىلدى. ئۇلار شۇئارلىرىدا يەنە ب د ت ۋە ياۋرۇپا پارلامىنتلىرىنىڭ خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشلىرىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار پارلامىنت بىناسى ئالدىدىن يولغا چىقىپ ، بىر يېرىم سائەت شەھەر ئايلانغاندىن كېيىن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىىتپ كەلدى. نامايىشچىلار يول بويى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرخىل شۇئارلارنى ۋاقىراپ ماڭدى ۋە تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقاتتى. شەھەر قاتنىشى نامايىشچىلارغا يول بېرىپ سائەتلەپ توختىدى. نامايىشچىلار كونسۇل رايونىدىكى تۈرك ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، بىر قانچە مىنۇت توختاپ، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ شۇئارلار تولاشتى.

گەرچە بۈگۈن ستوكھولىمدا قاتتىق يامغۇرلۇق بىر كۈن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار يامغۇر يېغىۋاتقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ئېتىلدى. گەرچە شىۋېت ساقچىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېتىلغان بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە ئەزەربەيجانلىق نامايىشچىلارنى تۇتقان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلارنى قويىۋەتتى.

نامايىشتا بىر قىسىم پارلامىنت ئەزالىرى ۋە تۈرك، ئەزەربەيجان، ئۆزبېك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر دايىم قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىشقا شىۋېتسىيىدىكى داڭلىق رادىئو، تېلىۋىزىيە، گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندا زىيارەت ئېلىپ باردى.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم ئۇيغۇر خەلقى ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىپ، ب د ت نىڭ ۋە ياۋرۇپا پارلامىنتىنىڭ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشىنى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىش ئەھۋاللىرى شۇ كۈنىلا شىۋېتسىيىنىڭ بارلىق ئاخباراتلىرىدا يەر ئالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.