بۈگۈنكى نامايىشقا شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم تۈركى قېرىنداش مىللەت جەمئىيەتلىرى ۋە ئىسلامى قېرىنداشلىقىنى ئاساس قىلغان دىنىي جەمئىيەت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار شىۋېت، تۈرك ۋە باشقا تىللاردا چىقىدىغان 10 غا يېقىن تور بەتلەردە خەۋەر قىلىنغان.
نامايىشتا، "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى"جەمئىيىتى، "يېشىللار پارتىيىسى"، "كرىست دېموكراتلار پارتىيىسى" سوتسىيال ئادالەت پارتىيىسى"، "شىۋېتسىيە ياش مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى"، "شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى" جەمئىيىتى، "شىۋېتسىيە تۈركلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى"، "ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيى"، "ئەزەربەيجان ئازادلىق مۇنبىرى" قاتارلىق پارتىيە ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئادالەتسىزلىكلەرگە قارىتا ئىنكاسسىز جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە ئىزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىغا ھەر زامان ھەمدەمدە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۈشتى.
سۆزگە چىققان شىۋېتسىيە ياش مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر مۇستاپا مۇنداق دەيدۇ: "بىز سىلەرگە بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا ناھەق ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، كەمسىتىلىۋاتقان، زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان بىر خەلقىنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز، مۇنشۇنداق ناھەقچىلىقلەرگە قارىتا ئىنكاسسىز جىم تۇرۇۋاتقان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز، ئىران ۋە كونگو قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەقەلەرگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلاشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟"
سۆزگە چىققان ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دەيدۇ : "ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ فاشىستىك ئاسسمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاستىدا ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 4 مىڭ يىلدىن بىرى ياشاپ كىلىۋاتقان ئانا ماكانىدا خىتاي تەرىپىدىن خورلۇققا دۇچار بولماقتا."
نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە نامايىش تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا ئەپەندى نامايىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسىستى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
