شىۋېتسىيىدە 1 - ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

بۈگۈن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرك، ئەزەر، ئۆزبېكلەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شىۋېتسىيە پاناھلىق كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ناميىشى ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.10.01
Shiwetsiyide-namayish-10-01-2009-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ، ﺋﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Yalqun

نامايىش ستوكھولىم ۋاقتى سائەت 3 تە باشلاندى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى غەزەپ بىلەن شۇئار توۋلىدى.

بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتىراپىغا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا 50 تىن ئارتۇق ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساقچى تەرەپ تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قاتتىق تەدبىر ئالغان ئىكەن.
Shiwetsiyide-namayish-1-10-01-2009-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯘﻝ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Yalqun

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.