شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە خەلقئارا كۇتۇپخانىسى رەھبەرلىرىگە رەخمەت ئېيتتى

يېقىندا شۋېتسىيە خەلقئارا كۇتۇپخانىسى ئۇيغۇر دىيارىدىن 50 تېمىدا 500 گە يېقىن كىتاب ئەكەلدۈرۈپ كۇتۇپخانىغا قويغان ۋە كاتولوگلاشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە خەلقئارا كۇتۇپخانىسى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ ئۇدانپىلان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر شىۋېتسىيىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىتاب تەلەپ قىلسا پوچتا ئارقىلىق دەرھال ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ 5 كىتاب ئارىيەت ئالغىلى بولىدىكەن.

بۇ كىتابلارنىڭ پايدىلىنىشقا سۇنۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەتجان ئۇيغۇر بالىلارنى ئېلىپ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈتۈپخانا رەھبەرلىرىگە رەخمەت ئېيتقان. ئۇ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا: شۋېتسىيە خەلقئارا كۇتۇپخانىسىدا ھازىرغىچە 250 تىلدا كىتاب بارلىقىنى، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قويۇلىشى بىلەن يەنە بىر تىلنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار يەنىمۇ تىرىشىدىغان بولسا شۋېتسىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئۇيغۇر تىلىنى شۋېتسىيىدىكى بەزى مەكتەپلەردە ئۈگىتىلىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنداقلا بۇ كىتابلارنىڭ قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.