بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن تۇرسۇنجان ۋەلىنىڭ 17 ياشلىق ئوغلى، شىخەنزىدىكى بىر گۇرۇپپا كوچا لۈكچەكلىىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن.
شىخەنزىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 500 مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا ئاران 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەرلەردە خىتايلارغا نىسبەتەن مەيلى ئىقتىسادىي، مەيلى ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. ئۇنداقتا، شىخەنزىدىكى بۇ تۈر قاتىللىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟
ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇرۇن شىخەنزىدە 15 يىل ياشىغان؛ ئۇنىڭ بىر ئىنىسىمۇ بۇ تۈردىكى قاتىللىقنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. ئۇ يۇقىرىقى سوئالغا جاۋابەن قارشلرىىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ پروگراممىمىزدا شىخەنزىدە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تارىخىي ئۈچ ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرنى سىلەرگە سۇندۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.