شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى

ئامېرىكىدىكى ئالىملار مايمۇنلارنىڭ گېنى ئۈستىدە تەجىرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئېرسىيەت كېسىلى بار بىر ئانا مايمۇن ۋە بىر ساغلام ئانا مايمۇندىن ئايرىۋالغان گېن ماتېرىيالىدىن ساغلام مايمۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئالىملار، بۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئادەملەرگە تەدبىقلانسا ئېرسىيەت كېسىلى بار ئاياللارغا ساغلام بالا تۇغۇش ئىمكانىيتى يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

0:00 / 0:00

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا ئورېگان سەھىيە ۋە پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بايقالغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپوفنى زىيارەت قىلدۇق.

شۆھرەت مۇتەللىپوف يىتەكچىلىكىدىكى گېن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي تەجىرىبە نەتىجىسى ئەنگىلىيىدىكى "تەبىئەت" ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئالىملار بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېرسىيەت كېسىلى بار ئاياللارنىڭ كېسەللىكنى ئېرسىيەت يولى بىلەن پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇشىنىڭ ئالىدىنى ئېلىپ، ساغلام بالا تۇغۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان غول ھۇجەيرە تەتقىقات ساھەسىدىكى زور بايقاش، دەپ قاراشماقتا.

لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تەتقىقات نەتىجىسى قانۇنى، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە ئائىت بەزى سوئاللارنى پەيدا قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپوف مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.